تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

بىڭتۈەن 7- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

  چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

سۈن جىنلۇڭ دوكلات بەردى ھەم سۆز قىلدى، پېڭ جيارۈي قاتناشتى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 5- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 7- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئومۇمىي يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم سۆز قىلدى. بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىلىڭيۈەن پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو سۆزىدە بىڭتۈەن 7- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىڭتۈەن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىڭتۈەن خىزمىتىگە ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن قاراپ ۋە ئۇنى پىلانلاپ، بىڭتۈەننىڭ يېڭى ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بىڭتۈەندىن ھەقىقىي تۈردە چېگرانى تىنچلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىدىغان مۇقىملاشتۇرغۇچقا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان چوڭ پېچقا، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلىنىشنى تەلەپ قىلدى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشى توغرىسىدا مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە بىڭتۈەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، باش شۇجىنىڭ بىڭتۈەندىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، باش شۇجىنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۈەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تېخىمۇ بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، ئۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تۈپ مىزان ۋە ئىلمىي كۆرسەتمە. بىڭتۈەن پارتكومى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۈەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىڭتۈەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى پۇختا ئىگىلىشى، دۆلەت مەنپەئىتىنىڭ دەل بىڭتۈەننىڭ مەنپەئىتى ئىكەنلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئومۇملۇقىنىڭ دەل بىڭتۈەننىڭ ئومۇملۇقى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇشى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارى ۋە ئىستراتېگىيەلىك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بىرىنچى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىم بولۇشىنى كۈچەپ قوغداش كېرەك. باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بارلىق خىزمەتلەردە باش نىشاننى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىر تەرەپتىن ھەقىقىي تۈردە بىڭتۈەنگە قاراشلىق رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداپ، بىڭتۈەنگە قاراشلىق رايونلارنىڭ سىجىل ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، بىر تەرەپتىن ھەقىقىي تۈردە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا تۆھپە قوشۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىككىنچى، مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە قابىلىيىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. «ئارمىيە» خاسلىقىنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، «ئەسكەر»لىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش كەسپىي كۈچلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئاساسىي كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتا تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ نامايان قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن بىڭتۈەننىڭ خاراكتېر ئورنى ۋە زور سىياسەت- فاڭجېنلاردا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، كارخانا بىرلەشتۈرۈلگەن ئالاھىدە تۈزۈلمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە- مېخانىزم مەسىلىلىرىنى تېز ھەل قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنىڭ ئېغىپ كەتمەسلىكىگە، سالمىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە، ئۈنۈمىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىكلىكىنى كۈچەيتىشكە كۈچەش كېرەك. بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىڭتۈەن قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىستراتېگىيە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇسنىڭ توپلىنىشىنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، شى، تۈەنلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئارىلىشىش شەكلى ئىستراتېگىيەسىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى مۇستەھكەم سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش كېرەك، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى 1- ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك. رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەقىقىي تۈردە بىڭتۈەن خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، بىڭتۈەن خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى قەرەللىك تەتقىق قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، بىڭتۈەننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن پائال شارائىت ھازىرلىشى كېرەك؛ بىڭتۈەن پارتكومى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىڭتۈەننىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، كارخانا قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم، زور ئىشلاردا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدىن ۋاقتىدا يوليورۇق سوراپ، دوكلات قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك، پارتىيە ياچېيكىسىنى ليەندۈيدە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ھالقىلىق ئورۇنلار، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلاتى، پارتىيەنىڭ رولى، پارتىيەنىڭ پائالىيىتى، پارتىيەنىڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. بىڭتۈەن قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ چىقىش كېرەك، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلار سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىشتىكى ياخشى يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ۋە ئاساسىي قاتلامدا كادىرلارنى سىناش، يېتىشتۈرۈش، چېنىقتۇرۇش، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شارائىت ھازىرلاپ، تېخىمۇ كۆپ كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى بىڭتۈەنگە بېرىپ خىزمەت قىلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك، ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى بېسىمنى سىجىل يەتكۈزۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

  سۈن جىنلۇڭ خىزمەت دوكلاتىدا بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى، بولۇپمۇ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جەنۇبقا تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى ئەسلەپ ئۆتتى، خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۈەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ھۆكۈمەت»لىك فۇنكسىيە ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىشنى پۇختا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئەسكەر»لىك تۈزۈلمە - مېخانىزمنى يەنىمۇ مۇنتىزىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچەيتىپ، تۈەن - مەيدانلارنى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى مۇستەھكەملەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر ئارىلىشىشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي جەنۇبقا تەرەققىي قىلىپ، نوپۇسنى توپلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، تەكشۈرۈش- باھالاش مېخانىزمىنى تەڭشەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىڭتۈەن كادىرلىرى ۋە ئىختىساسلىقلىرى سىياسىتىنى تەڭشەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتىن پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۈەنلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تۈزۈلمە - مېخانىزم تىرىكىگە ئىگە قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، پۇرسەت بىلىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، جەڭدە غەلىبە قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، زور كۈچ بىلەن پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىڭتۈەن ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش كېرەك، پارتىيەنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ بىڭتۈەندە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 7- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى» قاتارلىقلار ماقۇللاندى.

  بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن كۇڭ شىڭلۇڭ، لى شىنمىڭ، شاۋ فېڭ، جاڭ ۋېنچۈەن، ليۇ جيەنمىڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى، ياۋ شىنمىن، جاڭ يۇڭ، لى پىڭ، لۇ شۈپىڭ، لى جىدۇڭ، جۇڭ بو يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.