تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە زۇڭلىسى كوستا بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىسبون، 12- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جيەنمىن، شاڭ ياڭ). شۇ يەر ۋاقتى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىسبوندا پورتۇگالىيە زۇڭلىسى كوستا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۇڭلى ئەپەندى ئىككى يىل ئىلگىرى جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولغاندىن بۇيان، بىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلار ئۈزلۈكسىز كونكرېت ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئايلىنىپ، جۇڭگو- پورتۇگالىيە ئىككى تەرەپ سودىسىدا ياخشى ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، مۇھىم نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىق ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگو- پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويۇۋاتىدۇ، يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ پورتۇگالىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى باسقۇچتا، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر بېرىش - كېلىشى ۋە ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشى، راۋانلىشىشى ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، ئاۋىياتسىيە، ئاپتوموبىل، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشى ھەم ئۈچىنچى تەرەپ بازىرىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، كۆپ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، پەن - تېخنىكا، تېببىي دورىگەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇش كېرەك. پورتۇگالىيە تەرەپنىڭ ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كوستا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم پورتۇگالىيەگە قىلغان زىيارىتى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوست دۆلەت، دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇزاقتىن بۇيان ياخشى ئۆزئارا ئىشىنىش مۇناسىۋىتى ئورناتقان. پورتۇگالىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ پورتۇگالىيە تەرەپنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغدىشىغا بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. پورتۇگالىيە تەرەپ بۇ زىيارەت پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. پورتۇگالىيە تەرەپ ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىق ۋە ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ، بۇ تەشەببۇس پورتۇگالىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە، ئىككى تەرەپ سودىسى ۋە سېلىنمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا ياۋروپا - ئاسىيانىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشى، راۋانلىشىشىغا ۋە ئاسىيا - ياۋروپانىڭ ھەمراھلىق ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە، پۈتۈن يەر شارى سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىشقا پايدىلىق. پورتۇگالىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇل ئەسلىھە، پۇل مۇئامىلە، ئاپتوموبىل، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرى پورتۇگالىيەدە قانۇنغا رىئايە قىلىدۇ، تىجارىتى قېلىپلاشقان. پورتۇگالىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىپ، پورتۇگالىيەدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ياسىمىچىلىقنى كۆپەيتىشىنى ھەم جۇڭگو- پورتۇگالىيە مۇنبىرى ئارقىلىق ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىكى ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. پورتۇگالىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق پۈتۈن يەر شارى ئىشلىرىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. پورتۇگالىيە تەرەپ ياۋروپا- جۇڭگونىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مېنىڭ بۇ قېتىم پورتۇگالىيەگە قىلغان زىيارىتىم مول نەتىجىلىك ھەم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، جۇڭگو - پورتۇگالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. پورتۇگالىيە مېنىڭ بۇ قېتىم ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسىغا قىلغان زىيارىتىم ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى بۇئېنۇس ئايرېس باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بېكەت. پۈتكۈل زىيارەت سەپىرىمدە، مەن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى- گۈللىنىشى، ئۆزلىرىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىدىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇسى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. گەرچە دۇنيا تۈرلۈك مەسىلىلەر ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، جۇڭگو تەرەپ باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر كېڭىشىشكە ئەمەل قىلىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.