تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە «توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، چېگرانى مۇستەھكەملەشكە مۇلازىمەت قىلىش» باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ «توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، چېگرانى مۇستەھكەملەشكە مۇلازىمەت قىلىش» سۆھبەت يىغىنى ئارالدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە «توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، چېگرانى مۇستەھكەملەشكە مۇلازىمەت قىلىش» باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تارىم داشۆسى 60 يىلدىن بۇيان ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىدىغان، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلىغان تۈركۈملىگەن كېرەكلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، جانلىق ئەمەلىيىتى ئارقىلىق قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ، بىڭتۈەن ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، باشتىن- ئاخىر سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، قىممەت يۆنىلىشىنى مەكتەپ قۇرۇش- مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش- ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ مەكتەپ باشقۇرۇپ، ھەر مىللەت ياش- ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قۇرۇپ، پەن سىستېمىسى، ئوقۇتۇش سىستېمىسى، دەرسلىك سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچىشى ھەم ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمەت سىستېمىسىنى ئۇلارنىڭ جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غايە- ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چىڭىتىش، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، بىلىم، نەزەر دائىرىنى ئاشۇرۇش، كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىشتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ساپانى كۈچەيتىشكە ھەقىقىي كۈچەپ، ھەر مىللەت ياش- ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ پارتكوملىرى، بولۇپمۇ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى «تۆت ئاڭ»نى قەتئىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، قەتئىي ھالدا دۆلەتنى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتچان، تۆھپە قوشىدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا، تارىم داشۆسىنىڭ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى