تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى تىكلەش كېرەك ئومۇمىي خەلقنى سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

  شى جىنپىڭ 5-قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

  ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى تىكلەش كېرەك ئومۇمىي خەلقنى سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

  لى جەنشۇ «ئاساسىي قانۇننى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش» سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى. 5- قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن پارتىيە رەھبەرلىكىدە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئەمەلىيىتى تەجرىبىسىنى چوڭقۇر يەكۈنلەش ئاساسىدا تۈزۈلگەن ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۈپ قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلغان. پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن تۈزۈشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، سىستېمىلىق، مۇكەممەل تۈزۈم سىستېمىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداش، ئاساسىي قانۇننى قوللىنىش تەشۋىق- تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى تىكلەپ، ئومۇمىي خەلقنى سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 12- ئاينىڭ 4- كۈنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بېيجىڭدا «ئاساسىي قانۇننى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش» سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قانۇن توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئاساسىي قانۇن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى، ئاساسىي قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشتا قىممەتلىك تەجرىبىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىرىنچى، باشتىن- ئاخىر ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. ئىككىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۈچىنچى، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، تەرەققىيات يولى، كۈرەش نىشانى بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلدى. تۆتىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى. بەشىنچى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قەتئىي قوغدالدى. دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان ياخشى ئاساسىي قانۇن بولۇپ، قەتئىي قوغداش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قانۇن توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن يادرولۇقىدىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇكەممەل بولغان قانۇن قائىدىسى سىستېمىسى ئارقىلىق، قەغەز يۈزىدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەمەلىيەتتىكى ئاساسىي قانۇنغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى تىكلەپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق- تەربىيەسىنى تۈزۈملەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىق- تەربىيە خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قانۇن نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى ۋە 2018- يىللىق قانۇنچىللىق شەخسلىرى نامزاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ساۋ جيەنمىڭ، ۋەن ئېشياڭ، خاۋ مىڭجىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، قىسمەن ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات يۇرتلىرى، ئورۇنلىرى ۋە ئاقىللار ئامبىرىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىم قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.