تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئالىي مەكتەپ ئىدېئولوگىيە بازىسىنى چىڭ ساقلايمەن

  شىنجاڭ مالىيە ــ ئىقتىساد داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى جۈرئەت تۇردى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئاتتى، نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت شەكىللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل ئاشتى. «بىرىكمە مۇشت»نىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ئەگىشىپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باسقۇچلۇق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمما شۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇكى، شىنجاڭ يەنىلا «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تېخى ئۈزۈل- كېسىل پەرقلەندۈرۈلگىنى، پاك- پاكىز يوقىتىلغىنى يوق، «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرى تېخى ئۈزۈل- كېسىل تازىلانغىنى يوق، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى بازا تالىشىش، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى تالىشىش، كىشىلەر قەلبىنى تالىشىش كۈرىشى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ.

  ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىش، ئالىي مەكتەپ ئىدېئولوگىيە بازىسىنى چىڭ ساقلاش ئۈچۈن، بىز ھەر ۋاقىت بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشكە تەييارلىق قىلىشىمىز، قىلچە بىخەستەلىك ۋە بوشاڭلىق قىلماسلىقىمىز كېرەك.

  پارتىيەنىڭ مەكتەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ ھالدا پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلىشىمىز، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدىن ئايرىلغاندا، ئالىي مەكتەپلەر توغرا يۆنىلىشتىن ئېغىپ كېتىدۇ، توغرا يولدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەش مەسىلىسىگە، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قەتئىي بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. بىز چوقۇم پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باشتىن- ئاخىر سىياسىي مەيداندا، سىياسىي يۆنىلىشتە، سىياسىي پىرىنسىپتا، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك. ئىدىيەۋى- سىياسىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى پۇختا تۇتۇپ، ھەم ھەر خىل خاتا پىكىر ئېقىمىدىن ھوشيار بولۇشىمىز، ئۈنۈملۈك ساقلىنىشىمىز، ھەم تۈرلۈك بازىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىدىن ساقلىنىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي بىلىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشكە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى ۋە كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايىنى ھەقىقىي تىكلەشكە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى سۆز ھوقۇقى، رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پارتىيەنىڭ ئۆز قولىدا مەھكەم ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىگە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىغا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ تۆھپە قوشىدىغان ئەۋلادلارنى تەربىيەلىشىمىز كېرەك. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك داشۆ، خەلق بىزگە تاپشۇرغان بالىلارنى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت زور ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ياكى چىقالماسلىقىمىز بىزنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىمىزنى ۋە تەربىيەمىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغان- بولمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ بىزنىڭ خەلققە رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرەلىگەن ياكى بېرەلمىگەنلىكىمىزنى سىنايدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپ بويىچە قەتئىي بوشاشماي شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئاساسنى پۇختىلاپ روھ يېتىلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى ئۈزۈل- كېسىل تازىلاپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى پۇختا ساقلىشىمىز كېرەك. كەڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيە- مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش جەھەتتە يېتەكلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ئوقۇش- ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات، باشقۇرۇش، مۇلازىمەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى ۋە كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايىسىنى مۇستەھكەملەپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ تۆھپە قوشۇش ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بىز ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇشتىكى گاڭگىراشلىرىنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك يېشىپ چۈشەندۈرۈشىمىز، ھەم ئوقۇغۇچىلارنى ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ پائال ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

  قەتئىي تەۋرەنمەي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىشتە ئۇستاز، ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا. ئوقۇتقۇچىلار بىلىم تارقىتىش، ئىدىيە تارقىتىش، ھەقىقەت تارقىتىش، روھ يېتىلدۈرۈش، ھاياتلىق يېتىلدۈرۈش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋرنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ يولباشچىسى. بىز «تۆت بولۇش» ئۆلچىمىگە ئاساسەن، قەتئىي تەۋرەنمەي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ سىياسىي ساپادا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىلىرى، ئىلغار ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتنىڭ تارقاتقۇچىلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە تىرىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەزىلەتنى تاۋلىشى، بىلىم ئۆگىنىشى، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىشى، ۋەتەنگە تۆھپە قوشۇشىنىڭ يولباشچىسى بولۇشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئۆگىنىشتە ئۇستاز، ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن ئۆزىنى قېلىپلاشتۇرۇشى، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلىشى، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان، پاسسىپ، بىپەرۋا، ئەپلەپ- سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان قىلمىش ۋە ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىگە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، بەزىلەرنىڭ «كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چېقىش»ىغا تېخىمۇ يول قويۇلمايدۇ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ھېچقانداق پۇرسەت بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ. تۆۋەن چەكنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «قىزىل سىزىق»نى سىزىپ، «يۇقىرى بېسىملىق سىم»نى تارتىپ، قانۇن بىلەن ئوينىشىشقا پېتىنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي زەربە بېرىشىمىز، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقىمىز كېرەك.

  بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق بارلىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي كەسكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپ ئىدېئولوگىيە بازىسىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى