تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بىر نىيەت ــ بىر مەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي لېكتورى مەمەت ھاكىم

  مەن بىر پارتىيە مەكتىپى ئوقۇتقۇچىسى، ئاددىي كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ چوڭقۇر مېھىر- شەپقىتىگە ئېرىشكەن، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بەختلىك تۇرمۇشقا قەدەم قويغان مەنپەئەتلەنگۈچى. پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىگە ئارقا - ئارقىدىن ئۈزلۈكسىز ئىللىق ئېقىم تارالدى، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. بىز قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن شۇنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇقكى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشلا بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» قەستەن ۋەقە تۇغدۇرۇپ، پۇرسەت تاپسىلا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى. پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ئۈچ خىل كۈچ» نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان زەھەرلىك ئۆسمە. مەن تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ خەۋپىنى تونۇپ، بايرىقىم تېخىمۇ روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىمەن.

  مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارغا قويغان تەلىپىگە ئاساسەن، قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشاننى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، دۆلەتكە سادىق بولۇپ، بىرنىيەت- بىرمەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن- ئاخىر مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن، پوزىتسىيەسى قەتئىي، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. باشتىن- ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن. چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، ئاكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم بىردەك ئەيىبلەيدىغان، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرىدىغان، قەتئىي كۈرەش قىلىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىمەن.

  پارتىيە مەكتىپى ئوقۇتقۇچىسى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان، شەرھلەيدىغان سۇبيېكت، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسىنى تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تايانچ كۈچ. پارتىيە مەكتىپى ئوقۇتقۇچىسى سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىشەنچلىك، تايانغىلى بولىدىغان، ئىستىلى دۇرۇس، دادىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپلا قالماي، يەنە كەسىپتە پىشقان، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى يۇقىرى، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى يېشىپ چۈشەندۈرگەندە قىيىپ كەتمەي، چەتنەپ كەتمەي، جەمئىيەتتە كۆرۈلگەن پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پىكىر ئېقىمى ۋە گەپ- سۆزلەرگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشى ۋە رەددىيە بېرىشى كېرەك. مۇستەھكەم سىياسىي مەيدانغا، سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە بولۇپ، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ماركسىزملىق ئاساسىي پىرىنسىپقا مۇناسىۋەتلىك، يۆنىلىشكە، يولغا، بايراققا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلىلەردە، جەزمەن قىلچە مۈجمەل بولماي، باشتىن- ئاخىر مەيدانىنى مۇستەھكەم، كاللىسىنى سەگەك ساقلىشى كېرەك.

  پارتىيە مەكتىپى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە دادىل ئاتاكىغا ئۆتۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ دادىل ئىلگىرىلەپ، دادىل كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، تېگىشلىك ئاڭنى نامايان قىلىپ، تېگىشلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي ھالدا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىياسىيدا كۈچلۈك ياخشى كادىرى، ياخشى ئوقۇتقۇچىسىغا خاس ئوبرازىمنى نامايان قىلىمەن.

  مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى قەلبىمگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە تەستە قولغا كەلگەن ئىتتىپاق، مۇقىم ۋەزىيەتنى ئورتاق قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى جۇڭخۇا زېمىنىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇپ، مول مېۋە بەرگۈزىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى