تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دې سوسا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

  لىسبونغا يېتىپ بېرىپ، پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىسبون، 12- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جەي ۋېي، سۈن يى، ۋېي جيەنخۇا). شۇ يەر ۋاقتى 12- ئاينىڭ 4- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دې سوسا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- پورتۇگالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو- پورتۇگالىيە دوستانە ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو- پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 39 يىلدىن بۇيان، باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا چۈشەندى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلدى، بىر- بىرىگە ئىشەندى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزدى، ھەمكارلاشتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، ئىزچىل ساغلام، مۇقىم راۋاجلاندى. جۇڭگودا قەدىمكىلەرنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: دوست تۇتۇشنى بىلسەڭ، يىراقتىكى دوستمۇ سىرداش بولالايدۇ، دوستلۇق چىڭىيىدۇ ھەم ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ. جۇڭگو- پورتۇگالىيە مانا مۇشۇنداق ياخشى دوستلاردىن، ياخشى ھەمراھلاردىن. جۇڭگو تەرەپ پورتۇگالىيە تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى تەرىپلەيدۇ، پورتۇگالىيە تەرەپ بىلەن بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيەلىرى، يەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئەلئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ھۆكۈمەتلىرى ئارا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاشنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ھازىرقى تۈرلەرنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، لىسبون جۇڭگو مەدەنىيىتى مەركىزى قۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىرلىشىش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. جۇڭگو ئىزچىل ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى، پورتۇگالىيە تەرەپنىڭ داۋاملىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو- ياۋروپا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  دې سوسا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. پورتۇگالىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىلىشىش تارىخى ئۇزاق بولۇپ، بىر- بىرىنى ئۆزئارا چۈشىنىدۇ، بۇ، بىزنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى. كېلەر يىلى پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز، پورتۇگالىيە جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد- سودا، پۇل مۇئامىلە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پورتۇگالىيەگە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. پورتۇگالىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، قۇرۇقلۇق يىپەك يولى ۋە دېڭىز يىپەك يولىنىڭ ياۋروپادىكى تۈگۈنى بولۇشنى خالايدۇ. پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەردىكى مەيدانى يېقىنلىشىدۇ، ئىككىلا تەرەپ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوللايدۇ، يەككە تەرەپچىلىككە قارشى تۇرىدۇ، ئەركىن سودىنى قوللايدۇ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ، كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلارنىڭ ماسلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. پورتۇگالىيە ياۋروپا- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى قوللايدۇ، پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، زۇڭتۇڭ دې سوسا ئىمپېرىيە مەيدانىدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاپتوموبىل بىلەن ئىمپېرىيە مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە، دې سوسا ئالدىغا چىقىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو، پورتۇگالىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. دې سوسانىڭ ھەمراھلىقىدا، شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئارقىدىن كۆرۈش مۇنبىرىگە بېرىپ پاراتنى كۆردى. مەيدان سىرتىدا توپلىشىپ تۇرغان كىشىلەر جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، دەپ ئۈنلۈك توۋلىدى.

  قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ شائىر، مىللىي قەھرىمان كاموئېسنىڭ قەبرىسىگە گۈل چەمبىرەك قويدى.

  زۇڭتۇڭ قەسىرىگە بېرىش يولىدا، پورتۇگالىيە مىللىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئاتلىق ئەسكەر ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قوغداپ ماڭدى. يېتىپ بارغاندا، دې سوسا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا يەنە بىر قېتىم كۈتۈۋالدى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ تۈزۈپ تۇردى، كانايچىلار كاناي چېلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە تەرەپنىڭ ھەمراھ خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، دې سوسا جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەمراھ خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن دې سوسا بىلەن بىرلىكتە «دېڭىز يىپەك يولى» گۇگۇڭ ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلار كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىسبون، 12- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ يادۇڭ، لى جيەنمىن). شۇ يەر ۋاقتى 12- ئاينىڭ 4- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىسبونغا يېتىپ بېرىپ، پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان پورتۇگالىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندە، پورتۇگالىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ قوغداپ ئۇچتى. شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، مەخسۇس ئايروپىلان لىسبون خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان بۆلۈمچىسىدىن چىقتى، پورتۇگالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىلۋا قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ تۈزۈپ تۇردى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئەنئەنىۋى دوستانە دۆلەت. جۇڭگو- پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتى تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ، ۋاقىت ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېخىمۇ جانلاندى، تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو- پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا داۋاملىشىپ كەلدى. 1999- يىلى، ئىككى دۆلەت دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق ئاۋمېن مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، دۆلەتلەر ئارا تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو- پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتى ھەمكارلىق ئاساسىدا داۋاملىشىپ كەلدى. 2005- يىلى، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىش تېز تەرەققىيات يولىغا كىرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، بۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسى. مەن زۇڭتۇڭ دې سوسا، زۇڭلى كوستا قاتارلىق پورتۇگالىيە رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى پىلانلاشنى ئارزۇ قىلىمەن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو- پورتۇگالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ پورتۇگالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەي رۈنمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ پانامادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پورتۇگالىيەگە يېتىپ باردى. پاناما شەھىرىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا ئۆزى ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.