تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئاڭلىق ھالدا تارىخىي بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئېغىر يۈكىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن

  گۇچۇڭ ناھىيەسى گۇچۇڭ يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋەلى ئابلىز

  مەن 1998- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشتىم، 2006- يىلى 7- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولدۇم. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، يېتىشتۈرۈشىدە، مەن ئادەتتىكى كادىردىن تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىپ ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا چىقتىم، مەن بۇنىڭدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلىمەن ھەم ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ، نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشى ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى بولۇپ، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتى بىلەن، بېيجىڭغا بېرىپ ئۇلۇغ داھىيمىز ماۋجۇشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. قېرىنداشلار، بىز ياخشى ئويلاپ باقايلى، ئۇلۇغ پارتىيە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بىزگە بەختىيار تۇرمۇشنى بەردى، بىز قانداقمۇ «ئۈچ خىل كۈچ»تىن ئىبارەت ئاشۇ ئالۋاستىلارغا ئەگىشىپ ۋەتەندىن ۋاز كېچەلەيمىز؟ ئۇلارغا ئوخشاش ۋاپاغا جاپا قىلساق قانداق بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالساق قانداق بولىدۇ؟ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە، كەلگۈسىمىزنى گۇمران قىلىشىغا قانداقمۇ يول قويالايمىز؟

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۈنلۈك خىتاب قىلىمەنكى: قېرىنداشلار، ئۈزۈل- كېسىل ئويغىنايلى، قەتئىي ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاڭلىق ھالدا تارىخىي بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئېغىر يۈكىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، ھازىردىن باشلاپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى دادىل ئېچىپ تاشلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى دادىل كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆزلەرنى ھەرگىز قىلماي، ۋەتەننى پارچىلايدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلماي، قەتئىي ھالدا پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشتا سادىق بولۇش، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش، غەيرىي ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىش، تەشۋىق- تەربىيەگە قاتنىشىش، باشقۇرۇشقا، مۇلازىمەتكە ماسلىشىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، شەھەر- يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن!

  ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن- بەلگىلىمىلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىمنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەلرايىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى پائال ئىنكاس قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ياخشى سىردىشى، ۋاكالەتچىسى بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىگە خاس كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇلۇغ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتى، ۋەتەننىڭ غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياردىمى، قوللىشىنى خىزمەتتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پائال قوغداپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى قەتئىي توسۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە ئۆز ھەرىكىتىم ئارقىلىق گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى