تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

  ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى قايتا ئۆگىنىلدى، قايتا ئۆزلەشتۈرۈلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ بىر قېتىملىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، روھنى ئۇرغۇتىدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان چوڭ يىغىن بولۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم موتورىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئۇزاق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا قوش مول ھوسۇل ئېلىش، قوش غەلىبە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمىتى بىلەن يۆنىلىشى بىردەك، نىشانى بىردەك، قەدىمى بىردەك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بۇ يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، «بەشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»، نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، 2019- يىللىق دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ۋە نىزام چىقىرىش پىلانى، نازارەت قىلىش پىلانىنى تېزدىن ياخشى پىلانلاپ، ياخشى بېكىتىپ، كونكرېت، يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن با دەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى