تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە تاقابىل تۇرىمەن

ئاۋات ناھىيەسى ئاقچېقىل تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەمەتجان موللاۋۇت

  مەن يېزىدا چوڭ بولدۇم، ئاتا-ئانام دېھقان بولۇپ، باشلانغۇچ تەربىيەسىنىلا ئالغان. كىچىك ۋاقتىمدا مەكتەپكە كىرگەندە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش شارائىتى يوق ئىدى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇغاندىن باشلاپ، ئاتا- ئانامنىڭ تەلىپىگە بىنائەن دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى تىرىشىپ ئۆگەندىم، گەرچە ئىلگىرىلىگەن بولساممۇ، لېكىن ئىپادىلەش جەھەتتە يەنىلا قىينالغانىدىم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم، كۈندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قىلىدىغان تۇنجى ئىشىم دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئوقۇش، يېزىش بولدى، ئاخىر كۆڭلۈمدىكىدەك ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان تۆت يىلدا، جاي-جايلاردىن كەلگەن ھەر مىللەت دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، نەزەر دائىرەم كېڭەيدى، ئىدىيەدە پىشىپ يېتىلدىم.

  ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتۇمغا قايتىپ خىزمەت قىلدىم، ئىدارىدە، خىزمەتداشلار بىلەن خۇددى ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىللاردەك ئىناق ئۆتتۈم. پارتىيە تەشكىلىنىڭ يېتىشتۈرۈشىدە، 2007-يىلى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولدۇم، بۇنىڭدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم ۋە پەخىرلەندىم. ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدا، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنى ھېس قىلدىم.

  دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشىدىكى ۋاسىتە ۋە كۆۋرۈك. ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى بىلدۈرۈش، ئىگىلىتىش ئەمەلىيەتتە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى قوغداپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا «سىرتقا چىقىش»، زامانىۋى مەدەنىيلىكتىن ئورتاق بەھرىلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىك. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئىگىلىگەندىلا، شانلىق، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، تېخىمۇ كۆپ پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىپ ياخشى ئىگىلىگەندىلا، يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىنىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشقىلى بولىدۇ. قېرىنداش مىللەتلەر ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكلىرىنى تۈگەتكەندىلا، ئورتاق ئىلگىرىلەشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» تەرغىب قىلغان بىمەنە سەپسەتە شۇكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى سادىر قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى مەقسىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش. ئۇلار ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشنىڭ يولىنى بىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستىنى سېزىۋېلىشىدىن، يالغانچىلىقلىرىنى ئېچىپ تاشلىشىدىن قورقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار «ئانا تىل»نى قوغداشنى دەستەك قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇش سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاممىنى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئۆگىنىشنى رەت قىلىشقا قۇترىتىپ، ئۇيغۇر ئاممىسىنى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگەنمەيدىغان، سىرت بىلەن ئالاقە باغلىيالمايدىغان، ئالماشتۇرالمايدىغان، دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلالمايدىغان، بېرىش-كېلىش قىلالمايدىغان، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەنمەيدىغان «نادان خەلق»قە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

  پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ئىش ھەققىنى ئېلىپ تۇرۇقلۇق، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇقلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان پەسكەشلىك، قۇۋلۇق-شۇملۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاشۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەردىن ئىنتايىن نەپرەتلىنىمەن. ئۇلار پارتىيە ۋە دۆلەت بەرگەن بەخت-سائادەتتىن بەھرىمەن بولغان تۇرۇقلۇق، باشقىلارنى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇشقا ئازدۇردى. ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ پېشكىسى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەرەققىياتىغا دەخلى قىلىۋاتقان تارىخنىڭ جىنايەتچىسى.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە چەكسىز سادىق بولۇپ، قەتئىي ھالدا پارتىيە سىياسىتىنىڭ ھىمايىچىسى، تەشۋىقاتچىسى، ئىجراچىسى بولىمەن. ئائىلەمدىكىلەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۆزۈم تەسىر كۆرسىتىش، ئەتراپىمدىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرىمنى يېتەكلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرىمەن، مەن دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن ۋە قوللايمەن. ئۆز ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىدە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش تەشۋىقاتچىسى بولىمەن. مەن قەتئىي ھالدا ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئۆزۈمنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق كەڭ ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىمەن ۋە تۈرتكە بولىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى