تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە مېڭىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ھەقىقىي ئەمەلىي ئىشلەيمەن

قومۇل شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى زۇمرەت ئوبۇل

  ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە ماھىر بولۇش پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى. ئاممىۋى خىزمەتتىن ئىبارەت بۇ غەلىبە ئەڭگۈشتەرىنى ياخشى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ھەرمىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرغاندىلا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلىيالايمىز.

  ئاممىۋى خىزمەتنى تۇتقا قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ باش نىشان ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى»، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك قارارى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ باشلامچىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كۈچى خەلقتە، پۇختا ئاممىۋى خىزمەت ئارقىلىق، ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنى «مالىمانچىلىق بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، مۇقىملىق ئەمىنلىك ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن چوڭقۇر قائىدىنى ئېنىق تونۇشقا، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ۋە رەزىل غەرىزىنى ئېنىق تونۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەممە ئادەم ئىشنى ئۆزىمىزدىن، ئەتراپىمىزدىن، كىچىك ئىشلاردىن، خىزمەت ئورنىمىزدىن باشلاپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىپ، تەستە قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى ياخشى قوغدىشىمىز، ياخشى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  ئاممىۋى خىزمەتنى تۇتقا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى ئومۇميۈزلۈك بىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىسى مۇھىم سىياسىي پىرىنسىپال مەسىلە. «ئۈچ خىل كۈچ» تارىخىي پاكىتنى نەزەرگە ئالماي، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، «بىزنىڭ دۆلىتىمىز <شەرقىي تۈركىستان>، مىللىتىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام» دېگەندەك سەپسەتىلەرنى ھەدەپ تەرغىب قىلىپ، كىشىلەر قەلبىگە پاراكەندىچىلىك سېلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى: شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزالىرى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بىز «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ يالغانچىلىقلىرى، سەپسەتىلىرىنى ئېنىق تونۇپ، توغرا تارىخ قارىشى تۇرغۇزۇپ، تارىخىي پاكىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، تارىخ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تارىخ سۆز ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، كادىرلار، ئامما ئارىسىدا پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى ۋە شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ى تەشۋىق-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ يىلتىزىنى قېزىشقا كۈچەپ، ھەقىقەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ» تارقاتقان زەھەرلىك تۇماننى تۈگىتىپ، يالغانچىلىقلارنى ئېچىپ تاشلاپ، سەپسەتىلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھەق- ناھەقنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىدېئولوگىيەدىن يوچۇق ئېچىش، بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك جىنايى سۇيىقەستىنى قەتئىي بىتچىت قىلىشىمىز كېرەك. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى: دۆلەت ۋە خەلق بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر مۇقەررەر گۇمران بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

  ئاممىۋى خىزمەتنى تۇتقا قىلىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. ئىسلام دىنى ھەم ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىن ئەمەس، ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، زوراۋان- تېررورچى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئېغىر تەھدىت سالماقتا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزمەكتە. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتمىغاندا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى خۇددى راك ھۈجەيرىسىدەك ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ، كېڭىيىدۇ. بىز چوقۇم قەتئىي ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى دىنىي مەسىلىدىن ئايرىپ چىقىپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق دىننى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى دىنغا سىڭدۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ۋە دىنىي زاتلارنى توغرا «بەش قاراش»نى تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلىشىمىز ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.

  ئاممىۋى خىزمەتنى تۇتقا قىلىپ، كادىرلار ئىستىلىنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. نۆۋەتتە، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى، بەخت- سائادىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ۋەزىيەت قانچە ياخشى بولغانسېرى، بىز نېپىز مۇز ئۈستىدە تۇرغاندەك شۇنچە ئېھتىياتچان بولۇشىمىز، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ- خەتەرنى ئويلايدىغان ئاڭغا ئىگە بولۇشىمىز، كاللىمىزنى شۇنچە سەگەك تۇتۇشىمىز، مەسىلىلەرنى بايقاشقا شۇنچە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. بىز باشتىن- ئاخىر «ئىستىل پۇختا بولماسلىق بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز» ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، باش نىشان ئېڭىنىڭ مۇستەھكەم ياكى ئەمەسلىكىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچىمەسلىك مەسىلىسىنى تۈزىشىمىز كېرەك؛ مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ شەكىلگە ئايلىنىپ قالغان ياكى قالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشمەسلىك مەسىلىسىنى تۈزىشىمىز كېرەك؛ ئاممىۋى خىزمەتنىڭ شەكىلۋازلىققا ئايلىنىپ قالغان ياكى قالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، شەكىلۋازلىققا ئايلىنىپ قالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىشىمىز كېرەك؛ ئىنتىزام- قائىدىنى ئىجرا قىلىشنىڭ «كەسكىن، چىڭ، قاتتىق» بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، «بىر خىزمەت ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى جايىدا ئادا قىلماسلىق مەسىلىسىنى تۈزىشىمىز كېرەك. باشقىلارنى تۈزەش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىنى تۈزەش شەرت، شەھەر باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاڭلىق ھالدا ئۆزۈمنى تەتبىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى تەتبىقلاپ، خىزمەتنى تەتبىقلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئىستىل تۈزەش ھەرىكىتىدە ئۈلگىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن، ئاڭلىق ھالدا ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتنى تونۇپ، ئاممىۋى ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاق- پەزىلەتنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمەن، ئۆزۈمدىكى مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي تۈگىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى، خەلقنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولىمەن، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىستىلى ئارقىلىق ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش ۋە مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى تىرىشىپ پۇختىلاپ، باش نىشاننىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.

  پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئەسلىي مەقسەتتىن يۈز ئۆرۈپ، ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ، پارتىيەگە ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ، ۋەتەن ۋە خەلققە ئاسىيلىق قىلىپ، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، «پەردە ئارقىسىدىكى قاراقول» بولۇپ، ھازىرغا خەۋپ يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى ئۇزاق كەلگۈسىگىمۇ بالايىئاپەت تۇغدۇرىدۇ. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن- ئاخىر سىياسىي ئىنتىزام ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى ئارقىلىق كەسكىن، قەتئىي ھالدا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي ھالدا باش نىشانغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بۇ «زەھەرلىك ئۆسمە»نى ئويۇپ ئېلىۋېتىمەن، پاكىز تازىلايمەن. ئاممىۋى لۇشيەندىن ئىبارەت بۇ غەلىبە ئەڭگۈشتەرىنى ياخشى ئىشلىتىپ، ئاممىنى پاش قىلىش، ئېچىپ تاشلاشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئۇر- ئۇرغا قالغان «كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان»غا ئايلاندۇرىمەن. خەلقنىڭ كۈچى ئالدىدا، دۆلەتنى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان، خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەر قانداق قىلمىش مۇقەررەر ھالدا ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توسۇشى، چۈمۈلىنىڭ دەرەخنى لىڭشىتىشى بولۇپ، جەزمەن تەلتۆكۈس مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

  مەن ھەربىي ئائىلىدە تۇغۇلغان، مەن دادامنىڭ سادىقلىقى ۋە جىگەرلىكلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دادامنىڭ كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممەمگە ئېلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ھەقىقىي ئىشلەپ، «تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن روھىي مەنزىل ۋە «تۆھپە يارىتىشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى كۈرەشكە ئاتلىنىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى