تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ «تۆمۈر تۇلپار» بەرپا قىلىش كېرەك

يۆ يەنيۈن

     تاراتقۇلارنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە، كورلىدىن خېجىڭغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى قاتنىغان قىسقىغىنا 26 كۈندە 10 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچى توشۇغان. بۇ، خېجىڭدىكى يولۇچىلارنىڭ كورلىدا پويىز ئالمىشىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان يولۇچىلار پويىزى بولۇپ، ئىككىلا ۋاگونى بار، ئومۇمىي مۇساپىگە سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىت قىسقا ھەم بېلەت باھاسى ئەرزان بولغاچقا، «ئاممىۋى پويىز» دەپ ئاتالغان.

  «ئاممىۋى پويىز»نىڭ قاتنىشى ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ قولاي قاتناش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەپ، شۇ يەر ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. «ئاممىۋى پويىز»دىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاشيول، تۆمۈر يول، ئاۋىياتسىيە تارماقلىرى بەس- بەستە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، يوچۇقسىز ئۇدۇللاشقان ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنى پائال بەرپا قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدىغان «تۆمۈر تۇلپار»نى بارلىققا كەلتۈردى.

  ساياھەت سەپەر بىلەن سەيلە بىرلەشكەن پائالىيەت بولۇپ، ساياھەتنىڭ تەرەققىياتى قاتناشتىن ئايرىلالمايدۇ. ساياھەتچىلەر ھېس قىلىش شەكلىدىكى ساياھەتكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، قاتناشنىڭ راۋان بولۇش-بولماسلىقى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىشنى تاللىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئارىلاپ تەكشۈرۈشى ۋە ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، %60 ئۆپچۆرىسىدىكى ساياھەتچى ياتاق، يېمەك- ئىچمەك، قاتناش قاتارلىق ساياھەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق مۇھىم ئامىللار ئىچىدە، قاتناش مۇلازىمىتى سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش-بولماسلىقىنى ئەڭ مۇھىم ئامىل دەپ قارىغان. ساياھەتچىنىڭ سەپەرگە سەرپ قىلغان ۋاقتى بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇلار ساياھەت پىلانىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى، ھەتتا بىكار قىلىۋېتىشى مۇمكىن. پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىن قارىغاندا، جيۇجەيگۇۋ، خۇاڭگوشۇ، لۇشەن تېغى قاتارلىق نۇرغۇن مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئاۋات بولۇشى تەرەققىي قىلغان قاتناش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  قولاي قاتناش ساياھەتچىلىكنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ئارقا تىرىكى، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدا بار بولغان ساياھەت بايلىقىغا تېخى ماسلىشىپ كېتەلمىدى. قاتناشتىكى «بوغما» ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايوندىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ «تۆمۈر تۇلپار»لارنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى