تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىڭتۈەننىڭ قىشلىق چوڭ مەشىقى باشلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، بىڭتۈەننىڭ قىشلىق چوڭ مەشىق سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورۇن تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەسكەر» ئېڭىنى كۈچەيتىپ، «ئەسكەر» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «ئارمىيە»نىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار كۇڭ شىڭلۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى خالمۇرات ئابدۇراخمان ھەمدە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن لى شىنمىڭ قاتارلىقلار سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قىشلىق چوڭ مەشىقنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورۇن تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۈەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەتراپلىق ئۆزلەشتۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىشلىق چوڭ مەشىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى، بۇرچنى ئادا قىلىشتىكى يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قىشلىق چوڭ مەشىق ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۈەن روھى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى، توغراق روھى ۋە بىڭتۈەننىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي تەربىيەلىنىش ۋە ھەربىي ساپانى ئۆستۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دەرىجە بويىچە، تۈركۈم بويىچە تەشكىللەپ، قاتتىق، ئەمەلىي مەشىقلەندۈرۈپ، ھەقىقىي ھالدا تەشكىلىي ئەۋزەللىكنى ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى ۋە كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، كامالەتكە يەتكەن ئىقتىدارنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ، سەرخىل قوشۇن، قابىللارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار قىشلىق چوڭ مەشىقنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى پۇختا تەشكىللەپ، ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، نەتىجە- ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كۈچىشى كېرەك.

  يىغىندا يىللىق ھەربىي مەشىق خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يىغىن تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى