تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا شامال يۆنىلىشى توغرا بولسا، يەلكەن چىقىرىپ ئىلگىرىلەش ئاسان بولىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

     گۈدۈك ئاۋازىنىڭ ياڭرىشى بىلەن، شوپۇر شيې خېڭ ھەيدىگەن جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى غەربكە قاراپ مېڭىپ، ئاسىيا- ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ تومۇرىنى يىراقلارغا تۇتاشتۇردى. شيې خېڭ پاراۋۇزدىن ئالدى تەرەپكە نەزەر سېلىپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كۆرگەندەك بولدى.

  شيې خېڭنىڭ نەزەرىدە ئەكس ئەتكىنى شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ياڭراق بۇرغىسىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، قاتناش تۈگۈنى، سودا- ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت- پەن- مائارىپ ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

  پەيتنى قولدىن بەرمەي ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتلىنىش

  12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندىكى شىنجاڭ كېمىڭ ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا خېمىر يۇغۇرۇش، يېيىش، قاقلاپ قۇرۇتۇش، ئوراش- قاچىلاش مەشغۇلاتلىرى جىددىي ئىشلىنىۋاتاتتى، قازاقىستاندىن كىرگۈزۈلگەن بۇغداي ئۇنى بۇ ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئۆزگىرىشنى تاماملىدى.

  كېمىڭ ئۇنچىلىقى ئۈرۈمچى باجدىن خالىي رايونغا تۇنجى تۈركۈمدە ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ بىرى. بۇ شىركەتنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋېي يۈجۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا زاۋۇت قۇرۇشنى تاللاشتا، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇشتەك ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى كۆزدە تۇتتۇق.

  ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى(تۆۋەندە قىسقارتىپ قۇرۇقلۇق پورتى رايونى دېيىلىدۇ)نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشىنىڭ روشەن ئىزناسى.

  ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆزنىكىگە ئايلاندۇردى. 2014-يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتا ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان ئورۇن ۋە رولغا ئىگە، بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەت يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا، غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك. 2015- يىلى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21- ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش مەنزىلى ۋە ھەرىكىتى»دە شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇشتەك ئورنى ئېنىق بېكىتىلدى.

  شامالنىڭ چىقىشى يەلكەن چىقىرىدىغان پەيت، باتۇرلۇق بىلەن دولقۇننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ تېپىلغۇسىز مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتتى.

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش يېتەكچى پىكرى»، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى تەرەققىيات دوكلاتى (2018- يىللىق)» قاتارلىقلار ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى تاماملىنىپ، «توم سىزما رەسىم» سىزىپ چىقىلدى، شىنجاڭ بۇ «توم سىزما رەسىم»دە پەيتنى قولدىن بەرمەي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يادرولۇق رايوننىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى سىزىپ چىقتى.

  «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

  2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزىدىن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى. جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان كۆلىمى سىجىل كېڭىيىپ، 2016-يىلى 11-ئايدا ھەر كۈنى بىر نۆۋەت نورمال قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2017-يىلى ھەر كۈنى ئىككى نۆۋەت نورمال قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ يىل نۆۋەتچى پويىز ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە بەش نۆۋەت قاتنىدى. شىنجاڭ «جۇڭتەي» گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى لياڭپۇ مۇنداق دېدى: قۇرۇقلۇق پورت رايونى بىلەن دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ئىچكى-تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كۈن 24 سائەتلىك ئىمپورت-ئېكسپورت تىرانسپورتىنى تەشكىللەش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق «يۈرۈشلەشكەن» ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىنىڭ ئېكسپورت رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى.

  يادرولۇق رايوننىڭ بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشىنى قەدەممۇ قەدەم ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ، سودا- ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى−بۆسۈش ئېغىزى.

  2015- يىلى، شىنجاڭ دىققەتنى سودىنى راۋانلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك تەرەققىيات ئارقىلىق، قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ «مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى كۆجۈملەشتۈرۈش» ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ توپلىنىشى تېزلەشتۈرۈلۈپ، يادرولۇق رايون سودا- ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ مۇھىم موتورىغا ئايلاندۇرۇلدى.

  شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىمۇ تېز تەرەققىيات يولىغا كىرگۈزۈلدى.

  ۋاقىت 1988- يىلىغا قايتتى، مەركەز شىنجاڭغا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئىقتىسادىي ئاپپاراتلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى بېرىپ، قورغاس پورتىنى 3- دۆلەت كىشىلىرىگە ئېچىۋېتىشنى تەستىقلىدى. سۈپەتلىك ئۇرۇق تېرىلىپ، مول ھوسۇل ئېلىندى. ھازىر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر قورغاستىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى بۇ «تەجرىبە ئېتىزى» ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ خەلقئارالىشىشقا قەدەم قويۇشتىكى ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىماقتا.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاراقاش- خوتەن- لوپ تاشيول تۈرى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرىگە كىردى؛ قاراماي- چۆچەك تۆمۈريولىنىڭ تېچاڭگۇ- چۆچەك بۆلىكى، گولمۇد- كورلا تۆمۈريولى(شىنجاڭ بۆلىكى) قاتارلىق تۈرلەردە تېز قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ؛ غۇلجا، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش- كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى دۆلەتنىڭ تەستىقىي جاۋابىغا ئېرىشتى...

  چوڭ تۇتاشتۇرۇش چوڭ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى. 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭدىكى 25 نۇقتىلىق كارخانا «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى 13 دۆلەتتىكى 29 كارخانا بىلەن 29 تاشقى سودا توختامى، كېلىشىمى ئىمزالىدى، سودا ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليارد 488 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  ئادىمىيەت ئالاقىسىدە يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى

  يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىدىكى تۇمارس خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش مۇدىرى روشەن شامىل جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە ۋىزا بېجىرىپ بېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. روشەن شامىل مۇنداق دېدى: ساياھەت كوپىراتىپى تىرىشىپ شارائىت ھازىرلاپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى قازاقىستانغا كېلىپ مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى، ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئوۋ ئوۋلاش ساياھىتى قاتارلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈشكە جەلپ قىلىدۇ.

  يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا، مائارىپ، ساياھەت، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

  ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن 143 مىليون 947 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.72 ئاشقان؛ ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 245 مىليارد 946 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.06 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچى 2 مىليون 364 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.86 ئاشقان.

  پەن- تېخنىكا جەھەتتە، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات سىناق رايونىنىڭ ئومۇمىي يولغا قويۇش لايىھەسى (2018- 2020)» بېسىپ تارقىتىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

  داۋالاش جەھەتتە، شىنجاڭ جەمئىي 21 مەيدان «يىپەك يولى ساغلاملىق مۇنبىرى» باش تېمىلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى قاتارلىق 12 دوختۇرخانا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دوختۇرخانا ھەمكارلىق ئىتتىپاقىغا رەسمىي ئەزا بولۇپ، 1- تۈركۈمدىكى ئەزا ئورۇنغا ئايلاندى.

  پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى سىناق نۇقتا بانكىسى خەلق پۇلى يېڭىلىق يارىتىش ھېساباتىدىن جەمئىي 104نى ئېچىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرى، جۇڭگو تەرەپ رايونىدا رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانىلار ۋە چېگرا سىرتىدىكى بانكىلار ئۈچۈن تۈرلۈك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى بېجىرىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- تىجارىتى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ئېچىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى.

  ئىسلاھات توختىمايدۇ، ئېچىۋېتىش داۋاملىشىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى باسقۇچتا، شىنجاڭ يادرولۇق رايوننى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، يادرولۇق رايون سودا- ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ «ئىنچىكە سىزما رەسىمى»نى ياخشى سىزىپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى