شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بۇئېنۇس ئايرېس، 12- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر لو جۈن). شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇئېنۇس ئايرېستا ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماكرى بەرگەن «ئازاد قىلغۇچى سان مارتېن چوڭ مارجان ئوردېنى»نى قوبۇل قىلدى.
ئوردېن بېرىش مۇراسىمى زۇڭتۇڭ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئېلانچى «مەمۇرىي پەرمان»نى جاكارلىغاندىن كېيىن، ماكرى شى جىنپىڭغا «ئازاد قىلغۇچى سان مارتېن چوڭ مارجان ئوردېنى»نى بەردى. بۇ ئوردېن ئارگېنتىنانىڭ دۆلەت ئاتىسى سان مارتېننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى چەت ئەل پۇقرالىرىغا بېرىدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ، دۆلەت باشلىقى شەخسەن ئۆزى بېرىدۇ.
ماكرى سۆزىدە جۇڭگونىڭ شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەدھىيەلەپ، ئارگېنتىنا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ ماكرى ماڭا «ئازاد قىلغۇچى سان مارتېن چوڭ مارجان ئوردېنى»نى بەردى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم. بۇ ئوردېن ئارگېنتىنا خەلقىنىڭ مۇستەقىللىققا، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشقا ئىنتىلىدىغان مىللىي روھىغا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئارگېنتىنانىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ شەرەپ شەخسەن ماڭا مەنسۇپ بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو- ئارگېنتىنا دوستلۇقى ئۈچۈن ئەجىر قىلغان، كۈچ چىقارغان بارلىق دوستلارغا مەنسۇپ. مەن بۇ گۈزەل دوستلۇقنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن.
دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.