تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بۇئېنۇس ئايرېس، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خو شياۋگۇاڭ، لو جۈن، خۇاڭيىن جيازى). شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن بۇئېنۇس ئايرېستا كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى ھەم كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ، تىزگىنلەپ، ماسلىق، ھەمكارلىق، مۇقىملىقنى ئاساسىي رىتىم قىلغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشقا قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئالغان. ياخشى بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدى. ھەمكارلىق جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.

  ترامپ شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسىنى قوللىدى. ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ئالاھىدە، مۇھىم، بىز ئىككى دۆلەت مۇھىم دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە دۆلەتلەر، ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا پايدىلىق. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كېڭىشىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەم ئىككى تەرەپتە ساقلانغان مەسىلىلەردە ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى داۋاملىق ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاشقا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلىشقا قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ مۇۋاپىق پەيتتە يەنە بىر قېتىم ئۆزئارا زىيارەتتە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە، مائارىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى. ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ پائال ھەرىكەت قوللىنىپ، قانۇن ئىجراسى، زەھەر چەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە، جۈملىدىن فېنتايل تۈرىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىلارنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشكە قوشۇلدى. جۇڭگو تەرەپ ھازىرغا قەدەر قوللانغان تەدبىرلەر ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. جۇڭگو تەرەپ فېنتايل تۈرىدىكى ماددىلارنى پۈتۈن تۈر بويىچە تىزىملىككە كىرگۈزۈپ باشقۇرۇش ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى تەڭشەش خىزمىتىنى باشلاشنى قارار قىلدى.

  ئىقتىساد- سودا مەسىلىسىدە، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق، ئۆزئارا بىر-بىرىگە تايىنىدۇ. ئىككى تەرەپتە ئىقتىساد-سودا ساھەسىدە بىر قىسىم ئىختىلاپلارنىڭ ساقلىنىشى پۈتۈنلەي نورمال، مۇھىمى ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھى بىلەن مۇۋاپىق باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ھەم ئىككىلا تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مەسىلىسى توغرىسىدا پائال، مول نەتىجىلىك مۇزاكىرىلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېڭىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشنى توختىتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەم ئىككى دۆلەت ئىقتىساد ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشنى تېزلىتىپ، بارلىق تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش يۆنىلىشىنى بويلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ قوش پايدا ئالىدىغان كونكرېت كېلىشىم ھاسىل قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسى ھەم دۆلەت ئىچى بازىرى ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بازارنى ئېچىۋېتىپ، ئىمپورتنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو- ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد- سودا ساھەسىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى پەسەيتىشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ قوش پايدا ئالىدىغان كونكرېت كېلىشىم ھاسىل قىلىشى جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئالاقىدار پائال ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئاساس ۋە ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تېزدىن نورمال ئىزغا چۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى بايان قىلدى. ئامېرىكا تەرەپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى قاتارلىق مۇھىم، زور خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا، چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشىنى قوللايدۇ، ئامېرىكا-چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ بىر يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىپ، بىر-بىرىنىڭ مۇۋاپىق تەلەپلىرىگە ئېتىبار بېرىپ، يېرىم ئارالنى پۈتۈنلەي يادروسىزلاشتۇرۇشنى بىللە ئالغا سىلجىتىشىنى ۋە يېرىم ئارال تىنچلىق مېخانىزمى ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بۇ ھەقتە پىكىرلىشىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، دەپ قارىدى. ئىككى تەرەپ قويۇق ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاشقا قوشۇلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ ھەم ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى پومپېئو، مالىيە مىنىستىرى منۇچىن قاتارلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.