تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمى بەش ھەسسىگە يېقىن كېڭەيدى

  ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 40 يىلدا

  شىنجاڭنىڭ سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمى بەش ھەسسىگە يېقىن كېڭەيدى

  بىڭتۈەن 2- شى 29- تۈەنى چۆل - باياۋاندا بوستانلىق بەرپا قىلدى (2018-يىلى 4- ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (دۇ بىڭشۈن فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغىدىكى 30 مىڭ موغا يېقىن ئورمان قېلىن قار بىلەن قاپلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندۇردى. 20 يىل ئىلگىرى بۇ يەر بىر پارچە قاقاسلىق بولۇپ، شەھەردىكى ئاساسلىق قۇم ـ توزان بۇلغىما مەنبەسى ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ خۇڭشىڭ مۇنداق دېدى: «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمى بەش ھەسسىگە يېقىن كېڭىيىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 13 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ھازىرقى 62 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى.»

  1978- يىلى، دۆلەت غەربىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال رايونلىرىدا چوڭ تىپتىكى ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. 40 يىلدىن بۇيان، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنىڭ دائىرىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ناھىيە، شەھەرلەرنى قاپلىدى، بوستانلىق ئەتراپىدىكى چۆللىشىپ ۋە قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمىدە تارىيىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، قۇملۇق رايوننىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى ئاشتى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىن تىيانشان تېغى ئېتىكىگىچە، تۇرپان ئويمانلىقىدىن ئېرتىش دەرياسى ساھىلىغىچە، 40 يىلدىن بۇيان، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىدا جەمئىي 66 مىليون 834 مىڭ 400 مو ئورمان بىنا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %1.03تىن %4.87كە ئۆستى.

  مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسى يۇقىرى تاۋا كېسسىك كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئىمىن بارات ئەمدى قۇترايدىغان قۇم- بوراندىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى. قاتار- قاتار تىكىلگەن ئېگىز تېرەكلەر خۇددى قاراۋۇلغا ئوخشاش ئېتىزلىقلارنى قوغداپ تۇرىدۇ. ئىمىن بارات مۇنداق دېدى: «بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئورمىنى بولمىغان بولسا، ئەتىيازدا قۇم- بوران چىقسا، زىرائەتلەرنىڭ ھەممىسى تۈگىشەتتى، ئاسمانمۇ سېرىق رەڭگە ئايلىناتتى. بىز كۆچەت تىكىش ئارقىلىق قۇملۇقتىن يەر تەلەپ قىلدۇق!»

  قۇم- بوراننىڭ دەردىدىن قۇتۇلغانلار يالغۇز ئىمىنلا ئەمەس، ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 70 مىليون مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرنىڭ %95 ىنى ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىدا بىنا قىلىنغان ئورمان تورى قوغداپ تۇرىدۇ. ئېتىز ئىھاتە ئورمىنى، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان چوڭ تىپتىكى غول ئورمان بەلبېغى ۋە تەبىئىي چۆل ئورمىنىنى ئاساس قىلغان، كۆپ خىل ئورمان تۈرى، كۆپ خىل بەلباغ شەكلى، چاتقاللىق، تورسىمان بەلباغ ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال ئىھاتە ئورمان سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىشىنى كۈچلۈك ئېكولوگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشى تەبىئىي ئورماننى قوغداشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. 2005- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ھەممىدىن ئاۋۋال مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەبىئىي ئورماننى كېسىشنى چەكلەشنى جاكارلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئورمىنى كۆپىيىپ، ھاۋا كىلىماتىنى تەڭشەش، سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاش، مۇزلۇقنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۈزلەڭلىك سۈنئىي ئورمىنىدا ھەر يىلى 3 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق ياغاچ ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىلىپ، ياغاچ ماتېرىيالى قىس بولۇشتەك تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت زور دەرىجىدە پەسەيتىلدى.

  شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆزىمۇ يەنە غايەت زور بايلىق مەنبەسىگە ئايلاندى. شۈ خۇڭشىڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئورمانچىلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى خاس باغۋەنچىلىك-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈردۇق.» 20 يىلغا يېقىن تىرىشىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك- ئورمانچىلىق ئومۇمىي كۆلىمى 22 مىليون موغا، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 90 مىليارد يۈەنگە يەتتى. كەڭ تارالغان بوستانلىقلار ئىچىدە، تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى، ئاقسۇنىڭ ئالمىسى، كورلىنىڭ نەشپۈتى، قەشقەرنىڭ ئانىرى، خوتەننىڭ چىلىنى دۇنياغا «شىنجاڭ تەمى»نى ئۈزلۈكسىز تارقىتىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى