تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر- يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى. يىغىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىملىقنىڭ ئاساسى، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ مەنبەسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىگە ئاساسەن، مۇقىملىقنىڭ پايدىسى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلىتىلىپ، تۈرلۈك ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا مۇقىم، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ۋەزىيەت ساقلاندى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ، كەسپىي تەربىيەلەشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش زىچ بىرلەشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى چوقۇم توغرا ئىگىلەپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى زىچ چۆرىدەپ، «يەتتىدە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا كۈچەپ كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش ھەم دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇش، تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مۇقىم بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق كارخانىغا ياردەم قىلىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش «قوغداش ھەرىكىتى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، باجنى كېمەيتىپ يۈكنى يېنىكلىتىش سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سىغىمچانلىقىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى قوبۇل قىلىدىغان مۇھىم يول ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق توپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ياردەمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى ئاكتىپ يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. كەسپىي تەربىيەلەش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ تەكشى بولۇشى، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنىڭ كۆپ مەنبەلىك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر- يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلارنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى