تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلايلى

ــــ ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

    شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، شىنجاڭ دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا. ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاچقۇچ پارتىيەدە» دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

    پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ تۈپ خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يۆنىلىش ۋە ئۈنۈمنى بەلگىلەيدۇ. بىز «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتىكى باش ۋەزىپە قىلىشىمىز كېرەك. ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا باشتىن- ئاخىر يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، يادرونى قوغداش، يادروغا بويسۇنۇش، يادروغا يېقىندىن ئەگىشىش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور سىياسىي پىرىنسىپال مەسىلىلەردە، باشتىن- ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تونۇشى بىردەك، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك، پوزىتسىيەسى قەتئىي، قەدىمى تەكشى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

    تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. سىياسىيدا مۇستەھكەم، كۈچلۈك، خەۋپ- خەتەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 10- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزغان، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتقان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدايدىغان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغان كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ھالقىلىق پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتەلەيدىغان، تاقابىل تۇرالايدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

    قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلە ئاساسىي قاتلامدا، ئەڭ مۇستەھكەم كۈچ تىرىكىمۇ ئاساسىي قاتلامدا. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇل سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىمىز، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك.

    شىنجاڭ گەرچە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى بولسىمۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولسىمۇ، ئەمما پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى بېسىمنى داۋاملىق يەتكۈزۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش شەرت. كادىرلارنىڭ ئىستىلى پۇختا بولماسلىق يەنىلا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ دۈشمەن. بىز ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، «ئوننى قىلىش، ئوننى چەكلەش»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كادىرلار ئىستىلىدا تۈپ ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

    پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەشتە تايىنىدىغىنىمىز ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەپ، پارتىيە ئىشلىرىنى كۆزلەپ، ئۆزىنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، دادىل مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى