تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مۇقىملىق، تەرەققىياتتا قوش ھوسۇل ئېلىش، قوش غەلىبە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى

  مۇقىملىق، تەرەققىياتتا قوش ھوسۇل ئېلىش، قوش غەلىبە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى

  ــــ ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا قوش ھوسۇل ئېلىش، قوش غەلىبە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك- يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى. تەرەققىيات بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە باش ئاچقۇچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ مۇستەھكەم ئۇل تېشى ھەم كۈچلۈك كاپالىتى.مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئاچقۇچ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇشتا. بىز قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بوشاشماي، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەۋرەنمەي، بوشاڭلىق قىلماي، ئورۇنسىز ئىش قىلماي، قەتئىي تەۋرەنمەي، قەتئىي بوشاڭلىق قىلماي، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشىمىز كېرەك. باش نىشاننى بىر تۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، دائىم ھوشيار تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، «بىرىكمە مۇشت»نى سىجىل ياخشى ئېتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ كەم- كوتسىز، دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك. بىز مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ ۋەزىپىلەرنى ئايرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنامە، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئارقا- ئارقىدىن بازغانلاپ، نۆۋەتمۇنۆۋەت ئىشلەپ، دەرىجىمۇدەرىجە ئۈلگە كۆرسىتىپ، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي، پۇختا تۇتۇپ، نەتىجە- ئۈنۈم قازىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك. بىز باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ ھەم ئىككى نۇقتا نەزەرىيەسى، ھەم مۇھىم نۇقتا نەزەرىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز رايونىمىز، ئۆز تارمىقىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇمىيەتكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى سەھىپە يارىتىشىمىز كېرەك.

  بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك. بىز ھەم ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلىشىمىز، ھەم قەدەمنى پۇختا ئېلىشىمىز، دىيالېكتىكا ئارقىلىق قىسمەنلىك بىلەن ئومۇمىيەت، ھازىر بىلەن يىراق كەلگۈسى، مۇھىم نۇقتا بىلەن مۇھىم بولمىغان نۇقتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئون بارماقنىڭ ھەممىسىدە پىيانىنو چېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى داۋاملىق تارقىتىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشتىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم نۇقتا»نى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ھاياتىي كۈچىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ۋە زورىيىشىغا مەدەت بېرىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

  «توققۇز قەۋەتلىك پەشتاقمۇ توپا دۆۋىلەشتىن قوپۇرۇلىدۇ؛ مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ.» مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئاچقۇچ يەنىلا ھازىردىن باشلاپ تۇتۇشتا. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەزمەن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك: ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا قەتئىي تەۋرەنمەي كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دىنلارنىڭ ئېجىل- ئىناقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، قەتئىي تەۋرەنمەي زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللاپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ياخشى تاماملاپ، كېلەر يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى