تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان رايونلار ماس تەرەققىي قىلىش يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان رايونلار ماس تەرەققىي قىلىش يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: رايونلار ماس تەرەققىي قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يېڭى دەۋردە دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىرى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، رايونلارنىڭ بۆلۈنۈش ھادىسىسى تەدرىجىي گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، تەرتىپسىز ئېچىش بىلەن يامان سۈپەتلىك رىقابەت ھېلىھەم مەۋجۇت، رايونلار تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك، رايونلارنىڭ تەرەققىيات مېخانىزمى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، يېڭى دەۋردە رايونلار ماس تەرەققىي قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش تەلىپىگە ماسلىشىش تەس بولۇۋاتىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020- يىلىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئۇيغۇنلىشىدىغان رايونلار ماس تەرەققىي قىلىش يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ، رايونلار ئىستراتېگىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش مېخانىزمى، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈش مېخانىزمى، رايونلار سىياسىتىنى تەڭشەش- تىزگىنلەش مېخانىزمى، رايونلار تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رايونلار ھەمكارلىق مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايونلار ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش، رايونلار ئارا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، رايونلار ماس تەرەققىي قىلىش يېڭى مېخانىزمىنىڭ رايونلارنىڭ بۆلۈنۈشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش، رايونلارنىڭ ئېچىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاكتىپ رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

  2035- يىلىغا بارغاندا، زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇيغۇنلىشىدىغان رايونلار ماس تەرەققىي قىلىش يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ، رايونلار سىياسىتىنىڭ مالىيە، پۇل قاتارلىق سىياسەتلەر بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇيغۇن بولۇشى، ماسلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، رايونلار ماس تەرەققىي قىلىش يېڭى مېخانىزمىنىڭ رايونلار تەرەققىياتى پەرقىنى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىش ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشى، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تۇتىشىش دەرىجىسىنىڭ بىر قەدەر تەڭپۇڭلىشىشى، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى ئورنىتىش ۋە خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

  مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشقا ئۇيغۇنلىشىدىغان رايونلار ماس تەرەققىي قىلىش يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ، رايونلار ماس تەرەققىي قىلىش يېڭى مېخانىزمى رايون ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رايون ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

  «پىكىر»دە يەنە رايونلار ئىستراتېگىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش مېخانىزمى ئورنىتىشقا قارىتا، بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رايونلار ھەمكارلىق مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايونلار ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش، رايونلار ئارا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رايونلار سىياسىتىنى تەڭشەش- تىزگىنلەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، رايونلار تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر پىرىنسىپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى