تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

سۈن ياڭ تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن رايونلار بويىچە «يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر تەنھەرىكەتچى» شەرىپىگە ئېرىشتى

    مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ داڭلىق سۇ ئۈزۈش ژۇرنىلى «سۇ ئۈزۈش دۇنياسى» بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 2018-يىللىق تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن رايونلار بويىچە يىللىق ئەڭ ياخشى سۇ ئۈزۈش ماھىرى شەرىپىگە ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرنى ئېلان قىلدى، جۇڭگولۇق داڭلىق سۇ ئۈزۈش چولپىنى سۈن ياڭ بەشىنچى قېتىم تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن رايونلار بويىچە «يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر تەنھەرىكەتچى» شەرىپىگە ئېرىشتى، ئاۋستىرالىيەلىك كەيتى كەمبېر تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن رايونلار بويىچە «يىللىق ئەڭ ياخشى ئايال تەنھەرىكەتچى» شەرىپىگە ئېرىشتى.

    بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سۈن ياڭ 2011-يىلى، 2012-يىلى، 2013-يىلى ۋە 2017-يىلى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

    «سۇ ئۈزۈش دۇنياسى» يەنە ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلىپ، سۈن ياڭنىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىكى ئۆزگىچە ياخشى ئىپادىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

    NBC بۇنىڭدىن ئىلگىرى سۈن ياڭنى «تالاش-تارتىش قىلىش كەتمەيدىغان، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئەركىن سۇ ئۈزۈش ماھىرى» دەپ تەرىپلىگەن . ئۇ تارىختا تۇنجى بولۇپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىلىرىدىكى 200 ــ1500 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش بارلىق تۈرلىرىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرگەن ماھىر.

    سۈن ياڭ ئىنتايىن تېز كۆزگە كۆرۈنگەن، ئۇ 16 يېشىدا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر 1500 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مۇشۇ تۈردە چېمپىيون بولغان، شۇنداقلا خاككېتتىن قالسىلا تارىخ بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ياخشى نەتىجە ياراتقان. 2011-يىلىدىكى شاڭخەي سۇ ئۈزۈش دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 19 ياشلىق سۈن ياڭ 1500 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە 14 مىنۇت 34 سېكۇنت 14 دەقىقە نەتىجىدە خاككېتنىڭ ئون يىللىق رېكورتىنى بۇزغان.

    سۈن ياڭ 2012 ـ يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، يەنە 400 مېتىرغا ۋە 1500 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن؛ 2016-يىلى رىئودى ژانېيرودا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 200 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە چېمپىيون بولغان.

    سۈن ياڭنىڭ سۇ ئۈزۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئۇ رىئودى ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 200 مېتىرغا ئۈزۈش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئەڭ ئاخىرقى 50 مېتىردا ۋىيېتناملىق ماھىرغا يېتىشۋالغان بولۇپ، بۇ جەريان تولىمۇ كەسكىن بولغان.

   سۈن ياڭ 2017 - يىللىق بۇداپېشت دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 200 مېتىر ۋە 400 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

    بۇ يىل جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە سۈن ياڭ 200  ـ 1500 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدىكى تۆت ئالتۇن مېدالنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ تۇنجى قېتىم بۇنداق چوڭ  مۇسابىقىدە سۇ ئۈزۈش تۈرىدە بارلىق ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇنىڭ 200 مېتىرغا ئۈزۈش تۈرىنى 1 مىنۇت 45 سېكۇنت 43 دەقىقىدە تاماملىغان نەتىجىسى ھازىرغا قەدەر دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى، 400 مېتىرغا ئۈزۈش تۈرىنى تاماملىغان 3 مىنۇت 42 سېكۇنت 92 دەقىقە نەتىجىسى ھازىرغا قەدەر دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولغان، 800 مېتىرغا ئۈزۈش تۈرىنى تاماملىغان 7 مىنۇت 48 سېكۇنت 36 دەقىقە نەتىجىسى ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلىغان. بۇ نەتىجىلەر سۈن ياڭنى بۇ يىللىق ئاسىيانى چۆرىدىگەن رايونلار بويىچە «يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر تەنھەرىكەتچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كۈچ ئۇلاپ ئۈزۈش تۈرىدە يەنە ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن.

   سۈن ياڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 27 ياشقا كىرىدۇ. ئۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە يارىدار تۇرۇقلۇق يەنىلا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى