11-ئاينىڭ 29-كۈنى، دېھقانلار خېنەن ئۆلكىسى خېبى شەھىرى چىبىن رايونى دالەيديەن بازىرى يۆجۇاڭ كەنتىدىكى پارنىكتا كىچىك بەلىزگۈلى ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېنەن ئۆلكىسى خېبى شەھىرى چىبىن رايونى دالەيديەن بازىرى يۆجۇاڭ كەنتى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، پارنىك قۇرۇپ، 200 مودىن ئارتۇق يەرگە كىچىك بەلىزگۈلى قاتارلىق گۈل-گىياھلارنى تېرىپ، دېھقانچىلىقنىڭ بوش مەزگىلىنى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىگە ئۆزگەرتتى، بۇ، دېھقانلانىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى يېڭى تۇتقا بولۇپ قالدى. (فىڭ داپېڭ فوتوسى)