11-ئاينىڭ 29-كۈنى، شاڭخەي شەھىرى چۇڭمىڭ رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى تېز سۈرئەتتە ئوت ئۆچۈرۈشكە ئاتلىنىش ھەرىكىتىنى كۆرسەتمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. شاڭخەي شەھىرى چۇڭمىڭ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ تەۋەلىكتىكى مەكتەپلەردە ئوت ئۆچۈرۈش ماھارەت مۇسابىقىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە ئوت ئۆچۈرۈش جابدۇقلىرىنى تېز سۈرئەتتە كىيىش، ئوت ئۆچۈرۈش، قېچىپ قۇتۇلۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئارغامچا تۈگۈنى ياساش، ئوت مۇداپىئە بىلىملىرى مۇسابىقىسى قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوت مۇداپىئە ئېڭى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى. (فەن جۈن فوتوسى)