تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز گاۋ بو خەۋىرى، فوتوسى: شىخو شەھىرى گەنخېزا بازىرى ياڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى مەدەنىيەت قابىلى ئادالەت زۇنۇق (ئوڭدىن تۆتىنچى)، ئاينۇر مۇراتبېك (ئوڭدىن بەشىنچى) 2018-يىل 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كەنت ئاھالىسى ئابلەت قالى (ئوڭدىن ئۈچىنچى)نىڭ ئۆيىدە پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ناخشىلىرى ئارقىلىق تەشۋىق قىلدى.
شىخو شەھىرى بۇ يىل 11-ئايدا 550تىن ئارتۇق ئەلئىچى تەشۋىقات خادىمىنى «مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى» قاتارلىق سورۇنلاردا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، قانۇن-نىزاملارنى ناخشا ـ ئۇسسۇل، ئاقىنلار ئېيتىشىشى، كۇەيبەن قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىغا ئەڭ چۈشىنىشلىك ئۇسۇلدا يەتكۈزۈشكە تەشكىللىدى، بۇنىڭ بىلەن، ھەر مىللەت ئامما بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، قىشتىكى مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى ۋە بىلىمىنى موللاشتۇردى.