تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرەيلى

 ـــــ ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمىتى ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئالغا سىلجىتىلدى، بۇ، بىر قېتىملىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، روھنى ئۇرغۇتىدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان چوڭ يىغىن. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىر ئاساسلىق ۋەزىپىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قايتا ئۆگىنىش، قايتا ئۆزلەشتۈرۈش، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى مول، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئۇنى دائىم ئۆگىنىپ، قايتا- قايتا ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيەگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، قان تومۇرغا سىڭدۈرۈپ، روھقا كىرگۈزۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي بىلىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆگىنىپ چىقىش، مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىش كېرەك.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇقلارنى بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ مىزان ۋە ئىلمىي كۆرسەتمە. بىز سىياسىي ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە شۇنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەككى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى سىنايدىغان مۇھىم سىناق؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭغا مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىنى سىنايدىغان مۇھىم سىناق؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان نوپۇزىنى قوغدىشىنى سىنايدىغان مۇھىم سىناق؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان مۇھىم سىناق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا قەتئىي ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، قىلچە ئىككىلەنمەي، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرغان ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇشقا، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش  ــــ پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە بولۇشىنىڭ تۈپ تەلىپى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ھەم چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش قەتئىي پوزىتسىيەسى ھەمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە قىلىپ، مۇھىم رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ئەستايىدىل يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشكە، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇشقا ھەقىقىي كۈچەپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ھەقىقىي كۈچەپ، ھەربىر ئىشتا ئۆگىنىش بولۇش، ھەربىرئىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇش، ھەربىر ئىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشى بولۇش، ھەر بىر ئىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇش، ھەر بىر ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇش، ھەر بىر ئىشنىڭ دوكلاتى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 600 نەچچە مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق بىپايان زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى