11-ئاينىڭ 29-كۈنى، بالىلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرگە ئويۇن ئوينىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. جېجياڭ ئۆلكىسى چاڭشىڭ ناھىيەسى خۇڭچياۋ بازىرى مەركىزىي يەسلىسى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى «قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مەدەنىي كىشىلەردىن بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پائالىيەتتە مەدەنىي بولۇشقا ۋەدە بېرىش تېمىغا ئىمزا قويۇش ۋە ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن بىرگە مەدەنىيلىك ئويۇنلىرىنى ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ سۆز-ھەرىكەتتە قائىدىلىك بولۇش ۋە مەدەنىي يول يۈرۈش ئىدىيەسى يېتىلدۈرۈلدى. (شۈ يۈ فوتوسى)