تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كەلگەن يولغا نەزەر سالغاندا، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ

  شېن ياپىڭ

  40 يىللىق بوران- چاپقۇنلۇق ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش تارىخىي مۇساپىسى شىنجاڭغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

  «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى»نى كۆرۈۋېتىپ، كۆزىمىز شىنجاڭغا ئالاقىدار سۈرەتلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، بىز تارىخنىڭ جاۋابىنى ئاسانلا تاپالايمىز.

  سۈرئەت ۋە ھېسسىياتنىڭ يەشمىسى بولغان لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولى، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ نېفىت گاز ئويمانلىقى − تارىم ئويمانلىقى، دۇنيا تەبىئىي مىراسلار تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنغان ھەيۋەتلىك گۈزەل تىيانشان... شىنجاڭنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلماقتا.

  دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ± 800 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك تىرانسفورموتورى، «شىنجاڭدىكى سەنشيا» دەپ نام ئالغان ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى... بۇلار شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە ياراتقان يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە سىغدۇرۇشچان ھېسسىياتىغا گۇۋاھ بولماقتا.

  كۆرگەزمىنى كۆرگەن شىنجاڭلىقلار كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. ئۇلار سۇ ياخشىلاش قۇرۇلۇشىدا نەپكە ئېرىشكەن خوتەنلىك ھەرمىللەت ئامما، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان قىز- ئوغۇللار، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى سېخىيلىق بىلەن پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىۋاتقان يەككە تىجارەتچىلەر... ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سەۋەبىدىن چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قاناتلاندى.

  40 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلۈپ، شىنجاڭ ھەيۋەتلىك دەۋر چوڭ ئېقىنىغا يېقىندىن ئەگىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، قىياپىتى تېخىمۇ يېڭىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈنسايىن ئاشتى.

  40 يىللىق ۋاقىت تۈگۈنىدە تۇرغىنىمىزدا، بىز دۆلەت ۋە شەخسلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن بۇ ئۇلۇغ دەۋرنى مەدھىيەلەيمىز ۋە ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز!

  كەلگەن يولغا نەزەر سالغاندا، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. ئۆزگىرىش ئايىغىمىزنىڭ ئاستىدىن باشلىنىدۇ، بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. مۇشۇ پەيتتە، بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە بولغان ئەڭ ياخشى تىلىكىمىز ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى