11-ئاينىڭ 27-كۈنى ، «پويىزچاق»لار كۆرگەزمىسىدە سۈرەتكە تارتىلغان كىچىك پويىزلار
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەتلىك ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى يېقىندا «پويىزچاق»لار كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. ھەرخىل ئېلىكتىرونلۇق كىچىك پويىز نيۇيورك مەركىزىي ۋوگزالى، مىچىگان مەركىزى ۋوگزالى قاتارلىق مەشھۇر جايلارنىڭ مىكرو مودېلىدا توختاپ ۋە تۈرلۈك ئۆسۈملۈك، تاغ، سۇ مودېللىرىدىن ياسالغان مەنزىرىلەردىن كېسىپ ئۆتۈپ، نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كۆرگەزمە 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ليۇ جې فوتوسى