تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ لېي

  27 ياشلىق ئۇيغۇر ياش جۈمەخۇن مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسىنىڭ كادىرى، ئۈچ يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ «يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى» خېلى پىشىپ قالغان بولۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئاشقانىدى.

  11- ئاينىڭ 22- كۈنى، جۈمەخۇن چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ناھىيەدىكى مائارىپ ۋە پەن- تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى خوۋ جىڭليەننىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغان خەنزۇ تۇغقىنىنى يوقلىدى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، خوۋ جىڭليەننىڭ قوللىشى ۋە ئىلھام بېرىشى ئارقىسىدا، جۈمەخۇن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە ئىلتىماس قىلىپ كىردى، ئادەتتە كۆرۈشمىكى تەس بولغان بۇ ئىككىيلەن ئۇچرىشىپلا پاراڭلىشىپ كەتتى. «خوۋ ھەدە، سىزنىڭ ياردىمىڭىز بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايتتى» دېدى جۈمەخۇن.

  مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىجىر بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق جۈمەخۇننىڭ ئائىلىسى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى تۆت جان دادىسى رېھىمنىڭ ئانچە چوڭ بولمىغان ئۆپكە- ھېسىپ دۇكىنىغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، 2007- يىلى جۈمەخۇن ئەلا نەتىجە بىلەن نەنجىڭ شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتتى، تۆت يىلدىن كېيىن يەنە ئىمتىھان بېرىپ، ۋۇخەن داشۆسىگە ئۆتۈپ پۇل مۇئامىلە كەسپىدە ئوقۇدى. ھالبۇكى، 2015- يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندە دادىسى رېھىم قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ پۇتى يارىلاندى، ئانىسىمۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، جۈمەخۇن ۋۇخەندە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولدى.

  جۈمەخۇن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئۇ چاغدا ئائىلىمىز ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغانىدى، ئىنىم مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى، ئۆزۈممۇ خىزمەت تاپالمىغان، كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر تۈپەيلى كەلگۈسى ئىستىقبالىم توغرىسىدا گاڭگىراپ قالغانىدىم.

  دادىسىنىڭ يارىسى ساقايغاندىن كېيىن، جۈمەخۇن دادىسىغا ياردەملىشىپ دۇكاندا ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارنى قىلدى. رېئاللىق بىلەن غايىنىڭ پەرقى ئۇنى بارغانسېرى چۈشكۈنلەشتۈرۈۋەتتى. ئەينى چاغدا شىجىر بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلىدىغان خوۋ جىڭليەن بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۈمەخۇننى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، جۈمەخۇننىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، خوۋ جىڭليەن ۋاقتى بولسىلا جۈمەخۇننى ئىزدەپ سىرداشتى، ئۆپكە- ھېسىپ دۇكىنىغا بېرىپ ياردەملەشتى، جۈمەخۇننىڭ كەيپىياتى تەدرىجىي ياخشىلاندى. 2016- يىلى 3- ئايدا، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى كەسپىي ئورۇنلارنى تەشكىللەپ ئاشكارا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئالغاندا، دەل پۇل مۇئامىلە كەسپى ئىش ئورنى بار ئىدى، خوۋ جىڭليەن ئۆگىنىش ماتېرىيالى سېتىۋېلىپ جۈمەخۇننى ئىمتىھانغا تىزىملىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مەزگىلدە، خوۋ جىڭليەن جۈمەخۇننىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلىنىپ، ئىمتىھانغا قانداق تەييارلىق قىلىش، يۈزتۇرا ئىمتىھاننى قانداق بېرىشنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەتتى. جۈمەخۇنمۇ خوۋ جىڭليەننىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ خىزمەت ئورنىغا چىقتى، بۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ مىجەزىمۇ ئاستا- ئاستا ئوچۇق- يورۇق بولۇشقا باشلىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، جۈمەخۇن بىر كەسپىي ئورۇننىڭ كادىرىغا ئايلاندى، خىزمەت ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، ھەمىشە خىزمەتداشلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. خوۋ جىڭليەن بىكار بولسىلا ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن خىزمەت، غايە توغرىسىدا پاراڭلاشتى، خىزمەت ياكى تۇرمۇشتا مەسىلىگە يولۇققاندا، جۈمەخۇنمۇ خوۋ جىڭليەندىن ياردەم سورىدى، ھازىر خوۋ جىڭليەن ئۇنىڭ «سىرداش دوست»ىغا ئايلاندى، جۈمەخۇن مۇنداق دېدى: خوۋ ھەدەم مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتتى!

  جاۋبىشەن يېزىسى ئالاسۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئوغۇلخان ئىسمايىل خوۋ جىڭليەننىڭ ئېرىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى. 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئوغۇلخان ۋە ئۇنىڭ ئېرى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان، ئىككىيلەننىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا، باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەپ داۋالىتىشقا توغرا كەلگەن. ئەينى چاغدا خوۋ جىڭليەننىڭ ئېرى سىرتقا كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئېرى بىلەن تېلېفونلاشقاندىن كېيىن، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ، 1500 يۈەن چىقىرىپ، ئوغۇلخان ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ دوختۇرخانا يۆتكىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن، كەم قالغان داۋالاش ھەققىگىمۇ خوۋ جىڭليەن كېپىل بولغان. باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن ئوپېراتسىيە ھەققى ئۈچۈن 50 مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، خوۋ جىڭليەن دەرھال ئۇلارغا ياردەملىشىپ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش ئىلتىماسى سۇنغان، يەنە ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىئانە يىغقان، ئىككى كۈندىن كېيىن ئوپېراتسىيە ھەققى تولۇق غەملەنگەن.

  «بىرەيلەننىڭ تۇغقانلىشىشى ئىككى ئائىلىنى باغلىدى، بىز بىر ئائىلىدىكى ھەممىمىز سىلەرنىڭ تۇغقىنىڭلار.» خوۋ جىڭليەن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئىئانە پۇلنى ئوغۇلخاننىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندا، ئوغۇلخان مىننەتدارلىق ياشلىرىنى تۆكۈپ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى كادىرىنىڭ ماڭا ئىككىنچى قېتىملىق ھاياتلىق ئاتا قىلغانلىقىغا رەھمەت.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، خوۋ جىڭليەن باشتىن- ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جان تومۇرى دېگەنگە ئەمەل قىلىپ كەلدى، ئۇ مۇشۇنداق قىلىپلا قالماي، يەنە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلىدى.

  خوۋ جىڭليەن مۇنداق دېدى: «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە». ھەر مىللەت ئامما بىلەن قەلبداش، ھەمدەم بولغاندىلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە ئېچىلدۇرغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى