تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نۇرغۇن شىنجاڭ ئامىلى «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش» تە نامايان بولدى

  11-ئاينىڭ 25 كۈنى، دۆلەت مۇزېيى، «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋىتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى»نەق مەيدانى.

(مۇخبىرىمىز لۇ مىنيى فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى سۈرەتلىرى، يەكەن دەرياسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى، شوتا قەدىمىي يولىدىكى يايلاق، چېگرا قوغدىغۇچى بوۋاي ۋېي دېيوۋ... 11- ئاينىڭ 13- كۈنى دۆلەت مۇزېيىدا باشلانغان «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى»دە، 30 نەچچە تۈرلۈك شىنجاڭ ئامىلى قالتىس نامايان قىلىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا، شىنجاڭنىڭ ۋەتەن بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلىگەنلىكىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈردى.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، بېيجىڭ شەھىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، كۆرگەزمىدە ئۇلۇغ ئۆزگىرىش، گۈزەل سەھىپە، ئاچقۇچلۇق تاللاش، تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىش، چوڭ دۆلەت سالاپىتى ۋە كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتىن ئىبارەت ئالتە باش تېمىلىق كۆرگەزمە رايونى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، لايىھەلەنگەن.

  مۇخبىر نەق مەيداندا، كۆرگەزمىنىڭ تارىخىي سۈرەتلەردىن پايدىلىنىش، خەتلىك سىن، ئەمەلىي بۇيۇم كۆرۈنۈشى، قۇم مودېل، ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتە ۋە ئامىللار ئارقىلىق، دۆلىتىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 40 يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنى گەۋدىلىك نامايان قىلغانلىقىنى كۆردى.

  كۆرگەزمىدە شىنجاڭ ئامىللىرى كەينى - كەينىدىن نامايان قىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى قاتارلىقلارغىچە، ھەر بىر جانلىق تارىخىي تەپسىلاتتا شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنىدا باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكى، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى ئىلگىرىلەش ھېكايىلىرى نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 40 يىلدىن بۇيان شىنجاڭ زېمىنىدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە يەنە ئالاقە تورى +، VR، AR قاتارلىق ۋاسىتىلەر كەڭ قوللىنىلىپ، ئىستېرېئولۇق كۆرگەزمە ھېس قىلىش بوشلۇقى بەرپا قىلىنىپ، سەنئەت بىلەن تېخنىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە يۇغۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، بۇنىڭ بىلەن تاماشىبىنلاردا كۆرۈش، ئاڭلاش، ھېس قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق چۆكۈش شەكلىدىكى تۇيغۇ شەكىللەندۈرۈلگەن، ھەمتۈرتكىلىك قاتنىشىش داۋامىدا، تاماشىبىنلار ھەيرانلىق ھېس قىلغان، تەسىراتقا ئېرىشكەن، تەربىيە ئالغان. كۆرگەزمە رايونىدا ھەمتۈرتكىلىك قاتنىشىش تۈرى تەسىس قىلىنغاندىن باشقا، مەخسۇس «گۈزەل جۇڭگو» سۈرەت كارىدورى، «بيەنخې ۋادىسىنىڭ چىڭمىڭ مەۋسۇمىدىكى مەنزىرىسى» گۈمبەزسىمان كىنوخانىسى، «ۋاقىت مۇزېيى» قاتارلىق كۆپلىگەن مەركەزلىك ھەمتۈرتكە رايونى تەسىس قىلىنغان. «مەن يۇرتۇمنى سۆيىمەن» ھەمتۈرتكە تۈرىدە ھازىرغىچە ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن 1891 شىنجاڭلىق يۇرتىغا ئالقىش ياڭرىتىپ مەدەت بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى