تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپى بەرپا قىلدى

  بازارنى ئورتاق ئېچىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش

  مۇخبىرىمىز شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: «شىركىتىمىز تەتقىق قىلىپ يېتىشتۈرگەن چىلان يېڭى سورتىنى كۆپچىلىك تېتىپ كۆرۈپ ياخشىكەن، دېدى، ئەمما قانداق كېڭەيتىشنى بىلەلمىگەنىدۇق. دۆلەت غەربىي قىسىم مېۋىچىلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقىغا قاتناشقاندىن كېيىن شۇنى بىلدۇقكى، ئەسلىدە يېڭى مەھسۇلاتنى ئەلا سورت ئېتىراپىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا، كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشكە بولىدىكەن»، دېدى خوتەن يامېي يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چۈ رۈيچاۋ. بىر ئاينىڭ ئالدىدا، ئۇ ئالتە يەشىك چىلاننى ئېلىپ، دۆلەت غەربىي قىسىم مېۋىچىلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشقان ھەم ئىتتىپاققا ئەزا بولغانىدى.

  چۈ رۈيچاۋنى خۇشال قىلغىنى بۇلا ئەمەس. يېقىندا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات تەجرىبە رايونى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ ئىجادىيەت تەجرىبە رايونى» دېيىلدى) ئىلغار ياسىمىچىلىق يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپى، خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش كەسپى يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپى، يېشىل يېزا ئىگىلىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپى ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلدى. يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىجادىيەت تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان بەش ئورۇندىكى يەتتە باغچە رايونى ھازىر بار بولغان كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، «بازارنى ئورتاق ئېچىش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا بولغاچقا، چۈ رۈيچاۋ ئەلا سورتنى ئېتىراپتىن ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى تاماملاپلا قالماي، يەنە دەسلەپكى مەزگىلدىكى سورت يېتىشتۈرۈش، مېۋىلىك دەرەخلەرنى پۇتاشتىن تارتىپ سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، مېۋىلەرنى سېتىش قاتارلىق تۈرلۈك ھالقىلارغىچە ھېچنېمىدىن غەم قىلمايدىغان بولدى. «يەككە كەسىپلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپى شەكىللەندۈرۈلۈپ، توپ كەسىپ زەنجىرىدىكى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى زور كۈچ بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ كۆپ ئىتتىپاق ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى شەكىللەندۈرۈلۈپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنىڭ ئۇدۇللىشىشى ۋە كۆپ ساھە، كۆپ پەننىڭ ھەمكارلىشىشى، ئۆزئارا باغلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەربىر ھالقىغا قاتناشقۇچىلار نەپكە ئېرىشتۈرۈلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گاۋ ۋاڭشېڭ.

  ھازىرغىچە شىنجاڭ ئىجادىيەت تەجرىبە رايونى ئىلغار ياسىمىچىلىق يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپى 11 ئالاقىدار ئىتتىپاق، 56 ياسىمىچىلىق كارخانىسىنى قوبۇل قىلدى؛ خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش كەسپى يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپى ئەزا ئورۇندىن 47 نى قوبۇل قىلدى؛ يېشىل يېزا ئىگىلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپى دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقىدىن ئىككىنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقىدىن بەشنى قوبۇل قىلدى.

  «كەسىپ ئىتتىپاقىنىڭ توپلاش ئېففېكتىنىڭ ياردىمىدە، كارخانا بىلەن ئالىي مەكتەپ، كارخانا بىلەن پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى <توسۇق> بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى.» ئىلغار ياسىمىچىلىق يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپىنىڭ كېڭەش باشلىقى، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى باش ئىشتاب بازىسىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ شۆجۈن مۇنداق دېدى: ئىلغار ياسىمىچىلىق يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، جىنفېڭ پەن- تېخنىكىسى توپ ئىچىدە ئالاقىدار مېخانىزم ئورنىتىپ، ئۇچۇر، تېخنىكا، سىياسەت ۋە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچەيدۇ.

  «ھازىرقى ئۈچ چوڭ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپىدىن باشقا، كېيىنكى قەدەمدە يەنە ئونغا يېقىن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپى قۇرۇلىدۇ.» گاۋ ۋاڭشېڭ مۇنداق دېدى: كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى توپىغا تايىنىپ بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، كەسىپ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى