تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قىش پەسلىدە تېرە ئاسراشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    قىش پەسلىدە تېرە ئاسان قۇرغاقلىشىپ قىچىشىدۇ، بۇنداق چاغدا تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، تېرە قىچىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى تۇرمۇش ئادەتلىرىگە دىققەت قىلىش لازىم:
    1. تېرىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش ئەمما زىيادە كۆپ يۇيۇنماسلىق كېرەك. كۈز، قىش پەسلىدە ھەرىكەت قىلىپ تەرلىمىگەن ئەھۋالدا بەك كۆپ يۇيۇنماسلىق كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېرە ماي قەۋىتىنىڭ يەنىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يۇيۇنغاندا ئەتىر سوپۇن ۋە بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق يۇيۇش بۇيۇملىرىنى بەك كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، يۇيۇنۇپ بولۇپ بەدەن تېرە ئاسراش مېيىنى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
    2. يۇيۇنغان سۇ بەك قىزىق بولۇپ كەتمىگەن ياخشى. سۇ بەك قىزىق بولۇپ كەتسە تېرىنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، تېرىدىكى سۇ تەركىبىنىڭ خوراپ كېتىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، تېرە قىچىشىش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
    3. بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنىڭ پاختا رەختلىكىنى تاللاپ كىيىش كېرەك. بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن مۇھىم، پاختا رەخت كىيىملەر ئىسسىق بولۇپلا قالماي، ھاۋا ئۆتۈشتۈرىدۇ، تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرمايدۇ، تېرىنىڭ قىچىشىشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە پەسەيتىدۇ.
    4. كۆپرەك سۇ تولۇقلاپ تېرىنىڭ قىچىشىشىنى ياخشىلاش كېرەك. تېرىسى قىچىشىدىغانلار كۆپرەك سۇ ئىچىپ، بەدەنگە سۇ تولۇقلىشى، بەدەندىكى سۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، شۇندىلا تېرىدە سۇ كەمچىل بولمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھاۋا نەملەشتۈرگۈچ ئىشلەتكەندە، تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
    5. تەركىبىدە ۋىتامىن A، E مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. تېرە قىچىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا تەركىبىدە ۋىتامىن A ،E مول بولغان يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، سەۋزە، لاڭخا، خاسىڭ، كۈنجۈت، شياڭگۇ قاتارلىقلار. زۆرۈر بولغاندا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن تولۇقلاش كېرەك.
    6. غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەر، مايلىق، تاتلىق يېمەكلىكلەر ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئازراق يېيىش كېرەك. تېرىسى قىچىشىدىغانلار قەھۋە ۋە خوگو دېگەندەك ئاچچىق، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەر؛ مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك، مايلىق يېمەكلىكلەر تېرە يۈزىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋالىدۇ؛ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك، زىيادە كۆپ قەنت تېرىدىكى باكتېرىيەنى كۆپەيتىپ، تېرىنى غىدىقلايدۇ؛ بېلىق، راك، قىسقۇچپاقا دېگەندەك دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئازراق يەپ، تېرە قان تومۇرلىرى ئەتراپىدىكى ئاكتىپ ماددىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىپ، تېرىنىڭ قىچىشىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى