بېيجىڭدىن كەلگەن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى موڭغۇلكۈرە ئات فېرمىسى قاراغەنتى يايلىقىدا «تۈمەن تۇلپار بەيگىگە چۈشكەن» ھاياجانلىق دەملەرنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. ھەر يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېلەر يىلى 4-ئايغىچە، ئىلى ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە يايلىقى ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىدۇ، قازاق چارۋىچىلار زور بىر تۈركۈم چارۋىلىرىنى ھەيدەپ جاپالىق يايلاق كۆچۈش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ، بۇ سەپەردە نەچچە مىڭ ئات-ئۇلاغ سەپ تۈزۈپ، قاتتىق تۇياقلىرى بىلەن قار كېچىپ يول بويى قار ئاستىدا قالغان پاخال ۋە شاخلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، بۇ «تۈمەن تۇلپار» ئاپئاق قارلىق دالىغا ئۆزگىچە ھۆسىن قوشۇپ، شۇ جاينىڭ قىش پەسلىدىلا كۆرگىلى بولىدىغان خاس مەنزىرىسىگە ئايلىنىپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
(لى ۋېنبىن فوتوسى)