11-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بېيجىڭدىكى جۇڭگو سىياسىي كېڭەش تارىخ-مەدەنىيەت سارىيىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، ئالىي دىپلوماتلار ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 41 كىشى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت بېرىش تۈزۈمىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئاڭلىدى ۋە ئافرىقىدىكى ئالاقىدار ئاپپاراتلار، خەلقئارا تەشكىلاتلار قاتارلىقلارنىڭ جۇڭگو سىياسىي كېڭەش ئورگىنى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. (يىن بوگۇ فوتوسى)