تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

مامۇق چاپانلارنى تازىلاشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى

    مامۇق كىيىمنى تازىلاش كۆپىنچە كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئاۋارىچىلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ، تۆۋەندە مامۇق كىيىملەرنى تازىلاشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلىنى بىللە ئۆگىنىمىز.


    مامۇق كىيىمنىڭ قىسمەن جايلىرىنى تازىلاش ئۇسۇلى
    ئەگەر مامۇق چاپىنىڭىزنىڭ ياقىسى ياكى يەڭ قىسمى قاتارلىق قىسمەن جايلىرى مەينەت بولۇپ كەتسە، ئۆزىڭىز قول سېلىپ تازىلاش سۇيۇقلۇقى ياساپ بېقىڭ.


    بىرىنچى باسقۇچ: ئالدى بىلەن بىر تال سۇ سەپكۈچ (سۈرەتتىكىدەك) تەييارلىۋالىمىز، سۇ سەپكۈچكە پاكىز سۇ قاچىلاپ (سۇ سەپكۈچنىڭ يېرىمىچىلىك سۇ قاچىلانسا بولىدۇ)، ئاندىن ئىچىملىك بوتۇلكىسىنىڭ ئېغىزىغا مۇۋاپىق مىقداردا قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قۇيۇپ، سۇ سەپكۈچ ئىچىگە تۆكىمىز. 

    ئىككىنچى باسقۇچ: بوتۇلكا ئېغىزىغا ئىككى قېتىم ئاق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ سۇ سەپكۈچ ئىچىگە تۆكىمىز، ئاندىن سۇ سەپكۈچنى بىر نەچچە قېتىم چايقاپ ئارىلاشتۇرساقلا، مامۇق چاپاننى قۇرۇق تازىلاش سۇيۇقلۇقى تەييار بولىدۇ.

    ئۈچىنچى باسقۇچ: مامۇق چاپاننىڭ مەينەت بولۇپ كەتكەن قىسمىغا ئۆزىمىز تەييارلىغان قۇرۇق تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى پۈركۈپ، لۆڭگە بىلەن پاكىز سۈرتىۋەتسەك كىرلار تېزلا چىقىپ كېتىدۇ.

    ئەگەر كىيىمدە قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە ئاق ئاچچىقسۇ پۇرىقىنىڭ سىڭىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز، نەم لۆڭگە بىلەن يەنە بىر قېتىم سۈرتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن قۇرۇتسىڭىزلا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى