تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز سوممىسى تەڭشەلدى

    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى نورمال تاپشۇرۇلىدىغانلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزىنى ئىلتىماس قىلىش ئەڭ يۇقىرى سوممىسى ئەسلىدىكى 700 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون يۈەنگە تەڭشەلدى.

    11-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى «ئۈرۈمچى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزى سىياسىتىنى تەڭشەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلىپ، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى قەرز پۇل سوممىسىنىڭ 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بېكىتتى.
    ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ يۇقىرى قەرز سوممىسى تەڭشىلىشتىن باشقا، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى قەرز كېپىللىكى ئۇسۇلىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن ھەمدە بىرىكمە قەرزنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزىنى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ، قەرز بېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى