11-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئارتىسلار رۇسىيەنىڭ سانتپېتىربۇرگدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. «2018-يىللىق جۇڭگونى ھېس قىلىش — جۇڭگو غەربىي رايون مەدەنىيىتى رۇسىيە سەپىرى» پائالىيىتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سانتپېتىربۇرگدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان. گەنسۇ ئۆلكىلىك ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىرخانىسى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لاسا شەھەرلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ناخشا-ئۇسسۇللارنى ئورۇنداپ، يىپەك يولى ۋە چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ جىلۋىسىنى نامايان قىلدى. (مو جىڭنا فوتوسى)