تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىك ساۋاتلىرى

تومۇزدا گۆش غېزى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش

(ماتېرىيال سۈرەت)

     ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولسا، گۆش غېزى ئاسان كېسەللىنىدۇ، چۇقۇم كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. گۆش غېزىدا غاز ۋاباسى، يەنە غاز يېڭىشەھەر ۋاباسى ۋە غاز چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى كېسىلى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئىممۇنلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەش ۋە غاز توپىنى ئىلمىي باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، گۆش غېزى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەردۇر.

  قاتتىق يۇقۇم مۇداپىئەسى تەدبىرى قوللىنىپ، گۆش غېزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ، غاز توپىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئەي بولۇش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. غاز ۋاباسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە چوقۇم ئانتىسېۋوروتكا ۋاكسىنىسىنى ئۇرۇش كېرەك. گۆش غېزىدا كېسەل كۆرۈلسە دەرھال داۋالاش كېرەك. ئادەتتە توۋباۋ قاتارلىق ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىچۈرسە، ئانتىسېۋوروتكا ئۇرسا، قۇشلارغا ئىشلىتىدىغان ئاق قان ھۈجەيرىسى ئىنتېرفېرونى ئىشلەتسە بولىدۇ. بېقىش، باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىق، كىلىمات تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش، پارازىت قۇرت بىلەن ئېغىر يۇقۇملىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن غازنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيە كېسىلى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. غاز چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيە كېسىلىدە كۆپ قىممەتلىك چوڭ ئۈچەي تايانچە باكتېرىيەسى ۋاكسىنىسى ئىشلىتىپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  غازخانىنى ۋاقتىدا تازىلاپ، دېزىنفېكسىيەلەپ، مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يازدا قاشالاپ گۆش غېزى باققاندا، بېقىش زىچلىقىنى قاتتىق تىزگىنلىسە، ھەمدە شامال ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلسا، كېسەلنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

پەن-تېخنىكا گېزىتىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى