تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

يازدا قوي بېقىشتىكى مۇھىم نۇقتىلار

  تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىپ ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلاش قوتاننىڭشىك-دېرىزىلىرى ئۆزى ئېچىلىپ يېپىلىدىغان بولۇش. شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇش، يەر قۇرغاق، پاكىز بولۇش، ئىچىملىك سۈيى يېڭى، پاكىز بولۇش كېرەك. كەچتە قوينى سىرتتىكى سالقىن، قۇرغاق جايغا ھەيدەپ چىقىپ سالقىنلىتىش، يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە ئاندىن قوتانغا سولاش كېرەك.

  قوتان ئەتراپىغا تېرەك قاتارلىق يوپۇرمىقى تۆكۈلىدىغان دەرەخلەرنى تىكىش. دەرەخ تېمپېراتۇرا ۋە ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسىنى تەڭشەپ، كۈچلۈك قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشىنى توسايدۇ، ئۇ كۆڭۈلدىكىدەك «تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش ئەسلىھەسى» بولۇپلا قالماي، يەنە تۆكۈلگەن يوپۇرمىقى قوينىڭ يېرىمى بولالايدۇ.تۇز بېرىش ئارقىلىق ئىشتىھاسىنى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش. ئۇزۇن مەزگىل تۇز كەمچىل بولسا، قوينىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ئۆسۈشى ئاستىلايدۇ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ھەربىر قوچقارغا كۈنىگە - 5g 8g، قوزىلىق ساغلىققا 15g-10gدىن تۇز بەرسە بولىدۇ.

  كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرتسىزلاندۇرۇش پىلانلىق ئىممۇنلاپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش. ھەر بىر قوينى ۋاننىلاپ پارازىت قۇرتنىڭ تۇخۇمىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك. ۋاننىلىغاندا، تەن سىرتىنى قۇرتسىزلاندۇرغىلى، بولۇپمۇ قويدىكى قوتۇر كانا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.ھۆللۈكتىن، يامغۇردا قېلىشتىن ساقلاش قوتاننى ئېگىز يەرگە سېلىپ، سۈپا تەييار. قوتان ئورنىغا ئېگىز يەرنى تاللاپ، يامغۇر سۈيىنىڭ كىرىپ كېتىشىدىن ساقلاش كېرەك. قوتان ئىچىگە سۇپ ئورناتسا، ئىسسىقتىن، نەملىكتىن ساقلاش، ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈش رولىنى ئويناپ، كېسەلنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

  نۆۋەتلەشتۈرۈپ يايلىتىش باقمىچىلار يايلاقتىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىش ئەھۋالىنى پىششىق بىلىشى، بىر نەچچە كىچىك باقمىچىلىق رايونىغا بۆلۈپ، نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل بىرلا يايلاقتا باقسا، ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، قويمۇ ياخشى ئوتلىمايدىغان بولۇۋالىدۇ، ھەمدە يايلاقنىڭ بۇلغىنىپ، ھەمدە ئاسانلا پارازىت قۇرت كېسەللىرى پەيدا بولىدۇ.

پەن-تېخنىكا گېزىتىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى