تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك جەمئىيىتى ساياھەتكە ئالاقىدار 16 كارخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ، يەكەن ناھىيەسى بىلەن پوسكام ناھىيەسىگە بېرىپ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈردى، بۇ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى قانات يايدۇرغان «100 كارخانا 100 كەنتكە ياردەم بېرىش» پائالىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك مەزمۇنى. «100 كارخانا 100 كەنتكە ياردەم بېرىش» پائالىيىتى كەنتلەر بىلەن كارخانىلارنى ئورتاق قۇرۇپ، ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىش، تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش، ساياھەت كارخانىلىرىنى يېزا- بازارلاردا ماكانلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق سەھرا ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان- چارۋىچىنى ساياھەتچىلىك تۈرىگە قاتناشتۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان پائالىيەت.

  2016- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت دەرىجىلىك ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگە ناھىيەدىن بەشنى، دۆلەت دەرىجىلىك ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگە نۇقتىدىن 13 نى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى، جۇڭگونىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگىلىك كەنتنى 27گە، جۇڭگونىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگىلىك ئائىلىنى 30 غا، جۇڭگونىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ئالتۇن مېداللىق سەھرا ئارامگاھىنى 300 گە يەتكۈزۈپ، جۇڭگو سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى بېيىش باشلامچىسىدىن 283 نى يېتىشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ما رۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە سالغان مەبلەغ جەمئىي 172 مىليون يۈەن، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە ئالاقىدار تۈر 263 بولۇپ، بۇ 12 مىڭ نامرات ئائىلە، 21مىڭ 700 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

  لۈمېي جەنۇبىي شىنجاڭ ئورمانچىلىق كەسىپلەر رايونى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تۈرىنىڭ مەسئۇلى دۇ لىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، بۇ كەسىپلەر رايونى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ۋاسىتىچى بولۇشىدا، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسى سۇبېشى كەنتى بىلەن ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش- يۆلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى. لۈمېي جەنۇبىي شىنجاڭ ئورمانچىلىق كەسىپلەر رايونىنى لىڭنەن ئېكولوگىيە- مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن قۇرغان بولۇپ، كەسىپلەر رايونىنىڭ يىرىك پىلانىدىكى ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ مو. بۇ تۈر «زامانىۋى دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك»نى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى قىلىپ، كۆچەت يېتىشتۈرۈش، گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈش ۋە سېتىش مەركەزلەشكەن، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە پىششىقلايدىغان، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئىستىراھەت، تاماشا قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى بەرپا قىلدى. دۇ لىن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 8- ئايدا، كەسىپلەر رايونىنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى تىجارەتكە كىرىشىپ، جەمئىي 6000 ئادەم قېتىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 500 دىن ئارتۇق كىشى تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 300 نەچچە كىشى يېقىن ئەتراپتىكى ناھىيە، يېزىلاردىن كەلگەن دېھقان- چارۋىچىلار».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئۈلگە ناھىيەلەرنى باھالاپ بېكىتىش ئۆلچىمى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق بېيىش باشلامچىلىرىنى ئىلتىماس قىلىش ئۆلچىمى»نى تۈزدى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش چارىسى»نى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش تەرەققىيات يولىغا كىرگۈزدى.

  2017- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، رايون ئىچىدىكى ساياھەت بايلىقى، ئەۋزەل كەسىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك كارخانىلىرىنى شۇ جاينىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكىگە قاتنىشىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسى سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ئېسىل مەھسۇلات قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈپ، سەھرا ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئېگىنبۇلاق يېزىسىنىڭ يۆلىياڭدى كەنتىدە جەمئىي 144 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 78 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قاتناشقان. بۇ يىل 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، بۇ كەنت كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 40 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلىشىپ، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان دېھقان ئائىلىلىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى