تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

باغىگۈل ۋە ئۇنىڭ تۇغقىنى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ لېي

  «ليۇ دادا، ئۆيىڭىزدىكى پار ئىسسىۋاتامدۇ، ليۇ ئانام ئىككىڭلارنىڭ سالامەتلىكى ياخشىمۇ؟»

  «ئىسسىدى، ئىسسىدى، بىز ياخشى تۇرۇۋاتىمىز، سىز ئىككىمىزگە ئېلىپ بەرگەن تىزلىقنى ئىزچىل تاقاپ يۈرۈۋاتىمىز، ئازراقمۇ مۇزلىمىدۇق. ئوبدان قىزىم، تېز ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋېلىڭ».

  11- ئاينىڭ 21- كۈنى، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ جىمىسار بازىرى مەنچېڭ يولى مەھەللىسىنىڭ خەلق ئىشلىرى مەخسۇس خادىمى باغىگۈل نىغمەت ئىشىنى تۈگىتىپلا ليۇ گوچۈن ئائىلىسىگە ئۇلارنى يوقلىغىلى كەلدى. نەچچە كۈن ئىلگىرى مەھەللىدە پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا يولىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن، پار بىلەن تەمىنلەش توختاپ قالغانىدى، باغىگۈل «ليۇ دادىسى» ۋە «ليۇ ئانىسى»نىڭ تۇرمۇشىدىن بەكلا غەم يەپ، ئىشىكتىن كىرىپلا قىزغىن ھال- ئەھۋال سورىدى.

  «ھەممەيلەن قىزلارنى ئاتا- ئانىسىنىڭ يېقىن <غەمگۈزارى> دېيىشىدۇ، باغىگۈل ئۆيىمىزگە كەلگەندىن باشلاپ، بىز ئىككىيلەننىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى كۆڭۈللۈك ئۆتىدىغان بولدى، بىز ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنمىز» دېدى ليۇ گوچۈن.

  باغىگۈل تاتار مىللىتىدىن بولۇپ، ليۇ گوچۈن ئەر- خوتۇن بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتكەنىدى، بۇنىڭغا 2000- يىلى 3- ئايدىكى بىر قېتىملىق ئائىلە زىيارىتى سەۋەب بولدى.

  2000- يىلىنىڭ بېشىدا، ليۇ گوچۈن ئەر- خوتۇننىڭ بالىسى توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بەختكە قارشى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغانىدى، ئۇشتۇمتۇت كەلگەن بۇ بالا- قازا بىردىنلا بۇ ئىككى ياشانغان كىشىنى يىقىتىپ قويدى، ئۇلارنىڭ كۈنلىرى يىغا- زار ئىچىدە ئۆتتى.

  بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، باغىگۈل ئىشتىن چۈشۈپلا ليۇ گوچۈننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ياشانغان بۇ ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ: «بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەر تېخى ئۇزاق، سىلەر ئوغلۇڭلاردىن ئايرىلىپ قالدىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن مەن سىلەرنىڭ قىزىڭلار» دېدى.

  شۇنىڭدىن باشلاپ، باغىگۈل ۋاقتى بولسىلا بۇ بوۋاي- موماي بىلەن سىرداشتى، ئۇلارغا گۈرۈچ، ئۇن ئەكىلىپ بەردى، كىيىملىرىنى يۇيۇپ بەردى، تاماق ئېتىپ بەردى، ئۆيدىكى چوڭ- كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۈستىگە ئالدى. بۇ ئىككىيلەننىڭ قېرىغاندا بالىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئازابتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، باغىگۈل ھەمىشە تۈرلۈك نەرسە- كېرەكلەرنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەردى. ھېيت- بايراملاردا باغىگۈل يەنە ئۇلارنى ئۆيىگە ئەكىلىۋالدى.

  2016- يىلى، ليۇ گوچۈن ئەر- خوتۇننىڭ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيى چېقىلىدىغان بولۇپ قالدى، باغىگۈل پايپېتەك بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۆيىنى كۆچۈشۈپ بەردى. بۇلتۇر، ئۇ يەنە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىپ، بۇ بوۋاي- موماينىڭ ئايرىلغىنىغا 44 يىل بولغان خېنەندىكى يۇرتىغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىشىغا ھەمراھ بولدى. ھازىر، باغىگۈل بۇ بوۋاي- موماينىڭ ئايرىلماس تۇغقىنىغا ئايلاندى.

  باغىگۈل مۇنداق دېدى: «مېنىڭ دادام ئوقۇتقۇچى، كىچىك ۋاقتىمدا، دادام ھەمىشە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيىمىزگە تاماققا ئەكىلەتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلاتتى، ئۇ دائىم ماڭا باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىڭ، دەپ تەربىيە قىلاتتى. مەن مەھەللە كادىرى، شۇنداقلا كومپارتىيە ئەزاسى، شۇڭا بۇ مەسئۇلىيەتنى يوقىتىپ قويسام بولمايدۇ».

  خۇددى باغىگۈل ئېيتقاندەك، مۇشۇنداق مەسئۇلىيەت بولغانلىقتىن، ئۇ ئاممىنىڭ ھال- ئەھۋالىنى باشتىن- ئاخىر قەلبىدە ساقلىدى. ليۇ گوچۈن ئەر- خوتۇن بىلەن تونۇشقان 18 يىلدا، ئۇ ھەر ئايدا نەچچە يۈز يۈەن ھەتتا پۈتۈن ئايلىق مائاشىنى چىقىرىپ باشقىلارغا ياردەم بەردى، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى قىيىنچىلىقى بار 11 ئامما بىلەن تۇغقانلاشتى، مەھەللىدىكى 28 نامرات ئائىلە، تاغلىق رايوندىكى تۆت نامرات ئانا، بەش مېيىپ بالا، نامرات ئائىلىلەردىكى 15 ئوقۇغۇچىغا جەمئىي 110 مىڭ يۈەن ياردەم بەردى.

  ھازىر، باغىگۈلنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇنىڭ قېيىنئاتىسى، ئېرى، ئوغلى، قىزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىشقا باشلىدى.

  بىر تال خىشتىن تام پۈتمەس، يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس. باغىگۈلنىڭ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشى پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپلا قالماي يەنە پۈتكۈل مەھەللىدىكىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

  بۇلتۇر 4- ئايدا، «باغىگۈل ئىشخانىسى»غا مەنچېڭ يولى مەھەللىسىدە ۋىۋىسكا ئېسىلدى، ئىشخانىدا سەككىز پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەسىس قىلىندى، مۇلازىمەت دائىرىسى مائارىپ، داۋالىنىش، قانۇن قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، 500 دىن ئارتۇق ھەر مىللەتتىن بولغان پىدائىي قوبۇل قىلىندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئەڭ كىچىكى سەككىز ياش، ئەڭ چوڭى 81 ياش، باغىگۈلنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن نۇرغۇن كىشىمۇ قاتناشتى.

  باغىگۈل مۇنداق دېدى: «ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يولدا، مەن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشتىم، ئەڭ مۇھىمى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشتىم، مەن كۆپچىلىك بىلەن بىللە، مېھرىبانلىقنى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى