تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بىرتال «چاچ بېزىكى» «نامراتلىق يىلتىزى»نى ئۈزدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گاۋ خەن،گو يەن

  شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىدە، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، قۇياش ئەمدىلا ئاق تېرەك بويى ئۆرلىگەنىدى. 20 ياشلىق بۈمەرەم تۇرسۇنتوختى ئاللىبۇرۇن ئىش ئورنىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئەپچىللىك بىلەن چاچلارنى ئوراپ، خالتىغا سېلىپ، ماركا چاپلاۋاتاتتى.

  بۈمەرەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاشلا، جەنۇبي شىنجاڭ رايونىدىكى كۆپ ساندىكى ئائىلىلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد دېھقانچىلىق قىلىپ كۈن كەچۈرۈپ كەلگەن. لېكىن ئادەم كۆپ، يەر ئاز، كىلىمات قۇرغاق بولۇش، يەردىن ئالىدىغان ھوسۇل يۇقىرى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولۇپ، پەقەت يەرگىلا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش يەرلىك دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسىنى قاندۇرالمايتتى.

  سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمى، بىرتۇتاش ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياتىقى، تاماق تىزىملىكى بېكىتىلگەن ئاشخانا... ئۈچ ئاي ھەقسىز تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، بۇ يىل 9- ئاينىڭ بېشىدا، بۈمەرەم خوتەن خاۋلىن چاچ بېزىكى بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ ئىشقا چۈشۈپ، ئائىلىسىدىكى تۇنجى كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى. ئىشلىگەن بۇيۇم سانىغا قاراپ ھەق بېرىدىغان مائاش ئۆلچىمى بويىچە، ئۇ ئاساسىي ۋەزىپىسىنى ئورۇندىسىلا ئايدا 1500 يۈەن ئەتراپىدا مائاش ئالالايدىغان بولۇپ، ئائىلە بويىچە كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئىدى.

  2- ئاينىڭ بېشىدا، 20 نەچچە يىللىق چاچ بېزىكى بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسىگە ئىگە خاۋلىن چاچ بېزىكى بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى لوپ ناھىيەسىگە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇردى، پىشقان خام ماتېرىيال ئىمپورت قىلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، تەييار مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش يولى، مۇكەممەل باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باج، زاۋۇت ئۆيى قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللىشىغا تايىنىپ، قىسقىغىنا يېرىم يىل ۋاقىتتا، بۇ زاۋۇت شۇ جاينىڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2000دىن ئارتۇقنى قوبۇل قىلدى.

  «خام ماتېرىيالنى پۈتۈنلەي كورېيەدىن ئىمپورت قىلىمىز، مەھسۇلاتلىرىمىز ئاساسلىقى ئافرىقا، شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا بازارلىرىغا سېتىلىدۇ». شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى لۇ ۋېنتىڭ مۇنداق دېدى: «چاچ بېزىكى بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى ئانچە قىيىن ئەمەس، لېكىن پىششىقلاش ھۈنىرىگە قويۇلىدىغان تەلەپ بەك يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى كۆپ ئىشچى ئىشلىتىلىدۇ». ئاساسەن پىششىقلاپ ئىشلەش ھالقىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ شىركەت ئاساسلىق ئىمپورت- ئېكسپورت دېڭىز پورتىغا نەچچە مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا زاۋۇت قۇرۇشنى تاللاشتا، ئاساسلىقى «ئەمگەك كۈچى تولۇق- يېتەرلىك بولۇش، يۈرۈشلۈك سىياسىتى ياخشى بولۇش»تىن ئىبارەت ئىككى ئەۋزەللىكنى كۆزلىگەن.

  يەرلىك دېھقانلارنىڭ تېزدىن كەسىپ ئىشچىسىغا ئۆزگىرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خاۋلىن چاچ بېزىكى بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئىچكىرى ئۆلكىدىن 72 نەپەر باشقۇرغۇچى ۋە تېخنىكا خادىمى يۆتكەپ كېلىپ، ئىشچىلارنى ماشىنىدا مەشغۇلات قىلىش، چاچ تارتىش ئۇسۇلى، چاچنى مۇۋاپىق كۈچتە تارتىش، شۇنداقلا چاچ توقۇش ماھارىتىگىچە بولغان پۈتۈن جەريان بويىچە تەربىيەلىدى. بۈمەرەمدەك بۇنداق چاچ توقۇيدىغان «يېڭى ئىشچىلار» پەقەت ئۈچ ئايلا تەربىيەلىنىپ، ئۈچ ئاي پىراكتىكا قىلسىلا مەلىكىلىك ئىشچىغا ئايلىنىدىكەن.

  «ئىككى بېشى سىرتقا قارايدىغان» پىششىقلاپ ئىشلەش تىپىدىكى تاشقى سودا كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، توشۇش تەننەرخى خاۋلىن چاچ بېزىكى بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشتىن ئىلگىرى ئەڭ باش قاتۇرغان مەسىلە ئىدى. لېكىن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ ئىجارە ھەققىنى ئۈچ يىل كەچۈرۈم قىلىش، سانائەتتە ئىشلىتىدىغان توك باھاسىدا ئېتىبار بېرىش، مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭدىن سىرتقا توشۇش ھەققىگە نىسبەت بويىچە تولۇقلىما بېرىش، خادىملارنى تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئېتىبار سىياسەتلىرى كارخانىنىڭ تىجارىتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  رەسمىي ئىش باشلىنىپ 2- ئېيىدىلا، خاۋلىن چاچ بېزىكىنىڭ لوپ ناھىيەسىدە تەسىس قىلغان زاۋۇتى 16 مىڭ تال مەھسۇلاتنى ئېكسپورت قىلغان، ئومۇمىي قىممىتى 90 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئىشەنچىنى ئاشۇرغان. ھازىر، خاۋلىن چاچ بېزىكى بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى لوپ ناھىيەسىدە بىر باش زاۋۇت، ئىككى تارماق زاۋۇت تەسىس قىلغان بولۇپ، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، 36 يېزا- كەنتتە ھەمراھ زاۋۇت تەسىس قىلىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز يېرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قولايلىق ياراتتى.

  سېخ مەسئۇلى ئارزۇگۈل مۇنداق دېدى: دەسلەپكى مەزگىللىك خادىملارنى تەربىيەلەش ئارقىلىق 13 ھەمراھ زاۋۇتتا ئاللىبۇرۇن ئىشلەپچىقىرىش باشلاندى، ھەر بىر زاۋۇتتا ئاز دېگەندە ئون نەچچە ئادەم، كۆپ بولغاندا نەچچە ئون ئادەم ئىشلەيدۇ، ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇ شۇ جاينىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئەھۋالىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

  ھازىرغىچە، شىركەت ئايدا مىليون تالدىن ئارتۇق چاچ بېزىكى ئىشلەپچىقىرىش، 14 مال جازىسىلىق زاكازنى پۈتتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 14 مىليون 360 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى... ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ 9- ئېيىدا تاپشۇرۇلغان نەتىجە قەغىزى لۇ ۋېنتىڭنى كەلگۈسىگە بولغان تولۇق ئىشەنچكە تولدۇردى، «ئىشچىلار ھۈنەرگە پىشقاندىن كېيىن، كارخانا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىدۇ، زاكازنىڭ كۆپ خىللىشىشى، خاسلىقى شىركەتنىڭ <قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان> ئىشچىلارنى تەربىيەلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، بىر خىزمەتچى كۆپ خىل كەسىپنى ئۈستىگە ئالسا، پايدا بوشلۇقى كۆپىيىدۇ، يۆلەش سىياسىتىگە بولغان بېقىنىش تۆۋەنلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشىدۇ».

  لوپ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ چيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپ ناھىيەسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، شۇ جايدا توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، ئاياغ، پايپاق زاۋۇتى قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى قۇرۇپ، ئۇنى شۇ جايدىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەل قىلىش، نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم تۇتقىغا ئايلاندۇرغان. ھازىرغىچە، لوپ ناھىيەسى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار 87 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئاھالە تەخمىنەن 35 مىڭ ئادەم قېتىم.

  جەنۇبىي شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەركەزلىك بىر تۇتاش ئېغىر نامرات رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھۆكۈمەت كارخانا، باغچە رايونى، ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. خاۋلىن چاچ بېزىكى بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىگە ئوخشاش، شۇ جايدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان كارخانىلار بارغانسېرى كۆپەيدى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى