تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئۇ، ئۇنى سۆيىدىغانلىقىڭىزنى بىلسۇن

  ئۇ تەبىئىي پەندە ئوقۇغان ئىدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بىر شىركەتتە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. خىزمەتتە بەك ئەستايىدىل، كەسىپكە پۇختا بولغاچقا مائاشىمۇ خېلى يۇقىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىمۇ بىر شىركەتنىڭ مەمۇرىي بۆلۈمىدە خىزمەت قىلاتتى. توي قىلغان دەسلەپكى يىلى ئۇلار تىرىشىپ ئۆي ئالدى، ئەمدىلىكتە ئۇلار يەنە ئېسىل ئاپتوموبىل ئالدى.

  باشقىلار ئۇلارنى ھەممە نەرسىسى تەل، بەختلىك بىر جۈپلەر، دەپ قارايتتى. ئەمما، ئۇنىڭ ئايالى ھەمىشە ئېرىنىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ يۈرەتتى، بۇنىڭدىن ئېرىنىڭمۇ ئىچى پۇشاتتى.

  تويدىن كېيىن ئېرى مائاش كارتىسىنى ئايالىغا بەردى، شىركەتتىن نەق پۇل شەكلىدە بېرىلىدىغان مۇكاپات پۇلىنىمۇ ئايالىغا بېرەتتى، ئەرنىڭ باشقا ئالاھىدە قىزىقىشىمۇ يوق ئىدى، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن تورغا چىقىپ قوياتتى ياكى شىركەتنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى ھەققىدە ئىزدىنەتتى.

  ئۇ ئايالىنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئەمما ئايالىنىڭ نېمىدىن نارازى بولۇۋاتقانلىقىنى ھېچ ئاڭقىرالمايتتى، ئۇ پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن ئائىلىسى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، تاپقان-تەرگىنىنى ئايالىغا بېرىۋاتسا، ئايالىنىڭ نېمىگە بۇنچە پەرىشان يۈرىدىغانلىقى ئۇنىڭمۇ ئىچىنى پۇشۇراتتى.

  بىر كۈنى چۈشتە ئۇ شىركەت بىناسى ئاستىدىكى تاماقخانىغا كىرىپ تاماق يېدى، قورسىقى بەك تويمىغاندەك ھېس قىلىپ قاتلىمىدىن بىرنى ئالدى. ئەمما بۇ ئاشپۇزۇلنىڭ قاتلىمىسى سىرتنىڭكىدىن بىر يۈەن قىممەت ئىدى.

  تەبىئىي پەندە ئوقۇغانلار بەزىدە كىچىك ئىشلارنى ئانالىز قىلىشقا ئامراق، بىر يۈەن قىممەت قاتلىمىغا قاراپ ئۇ بۇ قاتلىمىدا قانداق ئالاھىدىلىك بارلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ، قاتلىمىنى ئۇيان-بۇيانغا ئۆرۈپ كۆرۈپ باقتى. ئەمەلىيەتتە، قاتلىمىنىڭ گۆشى باشقا ئاشپۇزۇللارنىڭكىدىن كۆپمۇ ئەمەس، باشقا قاتلىمىلارنىڭ ئارىسىغا گۆش ئېلىنغان بولسا، بۇ قاتلىمىنىڭ يۈزىگە گۆش يېيىتىلغانىدى. ئويلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ توساتتىن بەزى ئىشلارنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدى.

  ئىشخانىغا كىرىپلا ئۈستىلى ئۈستىدىكى كالېندارغا قارىدى. يېڭى يىلغا ئاز قالغانىدى. يېرىم ئايدىن كېيىن، ئۇ سودا سارايغا بېرىپ ئايالىغا پەلتو ئالدى، بۇ، ئۇنىڭ توي قىلىپ نەچچە يىلدىن بۇيان ئايالىغا ئالغان تۇنجى سوۋغىتى ئىدى. ئايالى بۇ سوۋغاتنى كۆرۈپ بەكلا خۇش بولدى، مەمنۇن بولۇپ ئېرىغا رەھمەت ئېيتتى، بۇ چاغدا ئۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا :«خوتۇن، سىزنى سۆيىمەن» دېدى، ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرى سىرغىدى.

  ئىلگىرى ئۇ ئايالىغا پۇلنى بېرىپ لازىملىق نەرسىلەرنى ئۆزى ئېلىۋېلىشنى ئېيتاتتى، ئەمدى ئۇ مۇكاپات پۇلىغا ئايالىغا ئاياغ، كىيىم دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىدىغان بولدى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇش بولدى، ئائىلە كەيپىياتىمۇ بىردىنلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  ئەمەلىيەتتە، ئەر ئىلگىرىمۇ ئايالىنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئەمما ئۇنىڭ مۇھەببىتى قاتلىما ئارىسىغا ئېلىنغان گۆشتەك ئاسانلا كىشىلەر تەرىپىدىن نەزەردىن ساقىت قىلىناتتى، ئەمما بۇ «گۆش»نى گەۋدىلىك يەرگە قويغاندا، كىشىلەر بۇنىڭ لەززىتىنى تېتىيالايتتى. ئۇ مۇھەببىتىنى ئىپادىلىۋىدى، ئايالى بەختنى ھېس قىلدى.

  شۇڭا پات-پات مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغانلار مۇھەببىتىنى بەك ئىپادىلەپ كەتمەيدىغانلارغا قارىغاندا بەختلىك ئۆتىدۇ، تۇرمۇشتىن، جۈپتىدىن ئاز ئاغرىنىدۇ. ئەمىسە سىزچۇ، جۈپتىڭىز سىزنىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىڭىزنى بىلەمدۇ؟

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى