دان ئايرىش ماشىنىسىنى يۇقىرى ئۈنۈم، ئەلا سۈپەت، تۆۋەن سەرپىياتتا بىخەتەر ئىشلىتىش ئۈچۈن، پات-پات تەكشۈرۈش، ۋاقتىدا ئاسراش ھەم مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك.
1. ماشىنىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، زۆرۈر بولسا رېمونت قىلىش كېرەك.
كۈزلۈك يىغىمدىن بۇرۇن دان ئايرىش ماشىنىسىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، بولتىلارنىڭ بوشاپ قالغان-قالمىغانلىقى، رېزىبىلىق دەستىنىڭ مۇكەممەل ياكى ئەمەسلىكى، ھەرىكەت ئۇزىتىش زاپچاسلىرىدا مەسىلە بار- يوقلۇقى ۋە ئېلېكتىر سىملىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش كېرەك. دان ئايرىش ماشىنىسىنى «كېسەل» ھالەتتە ئىشلىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.
2. ئېلېكتىر موتورنىڭ قۇۋۋىتىنى خالىغانچە چوڭايتماسلىق ياكى نورمىدىن ئاشۇرۇپ مەشغۇلات قىلدۇرماسلىق كېرەك.
دان ئايرىشتا ئىشلىتىدىغان ئېلېكتىر موتور بۇزۇلۇپ قېلىپ ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، چوقۇم ئوخشاش قۇۋۋەتلىك ئېلېكتىر ماتورغا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر، چوڭ قۇۋۋەتلىك ئېلېكتىر موتورغا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسە، ئاسانلا خەتەرلىك ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ.
3.خالىغانچە يۆتكىمەسلىك ۋە قۇراشتۇرماسلىق كېرەك.
دان ئايرىش ماشىنىسىنى يۆتكەش، قۇراشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى چوقۇم كەسپىي تېخنىك خادىمغا قىلدۇرۇش لازىم. توكلۇق دان ئايرىش ماشىنىسىنى يۆتكىگەندە، ئىزولياتسىيەلىك ئېلېكتىر سىمى يەرگە سۆرىلىپ، ئىزولياتسىيە قەۋىتى ئۇپراپ، توك قېچىپ، توك سوقۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك.
4. بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلىرى تولۇق بولۇشى كېرەك.
دان ئايرىش ماشىنىسى ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ماشىنىسىدىكى بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى كەم بولسا بولمايدۇ. مەسىلەن، ھەرىكەت ئۇزىتىش تاسمىسىدا بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت قاپقىقى بولۇش، ئېلېكتىر موتورنى چوقۇم يەر سىمىغا ئۇلاش ئارقىلىق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
پەن-تېخنىكا گېزىتىدىن ئېلىندى