تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ ھەپتە شىنجاڭدا سوغۇق ھاۋا يەنە داۋاملىشىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن شەھەرلەرنىڭ 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى ھاۋارايى ئەھۋالى (سۈرەت شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە تورىدىن ئېلىندى)

  مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 2 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 14 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى. 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت سەككىزدە، بۇرچىن ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يوللارنىڭ مۇز تۇتۇشىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساۋەن ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىمۇ سوغۇق ئېقىمدىن ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇمات بېرىشىچە، 11-ئاينىڭ 26-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدىكەن. 11-ئاينىڭ 27-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن. 11-ئاينىڭ 28-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندىكى ھاۋارايى ئەھۋالى (سۈرەت شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە تورىدىن ئېلىندى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى