11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق ئەتىيازلىق-يازلىق مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە ئېلىمىز ماركىسىدىكى كىيىملەر سەھنىدە نامايان قىلىندى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2019-يىللىق ئەتىيازلىق-يازلىق دۇبەي مودا كىيىم ھەپتىلىكى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايوننىڭ مودا ماركىلىرى، داڭلىق ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن لايىھەلىگۈچىلىرىنى جەلپ قىلدى. ئېلىمىزنىڭ ئىجادىي كىيىم-كېچەك ماركىلىرى 28 مەيدان مودا كىيىم كۆرگەزمىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە ئەڭ يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى.