تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: «سېرىق قار» مەۋسۇمى ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن كۆكتوقاي ئاللىبۇرۇن قار-مۇز دۇنياسىغا ئايلانغانىدى. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ۋە قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن كۆكتوقايغا كەلدى. 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، كۆكتوقاي ناھىيەسى ئالتاي تېغى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى ساياھەتچىلەرنى رەسمىي كۈتۈۋالىدۇ.
    كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى كەسپىي قار تېيىلىش تەنھەرىكىتىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ، چۈنكى بۇ يەرنىڭ شارائىتى ئەۋزەل، خەلقئارا مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش شارائىتى ھازىرلانغان. كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ 1-نومۇرلۇق قار تېيىلىش يولى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېگىز تاغدىن سىيرىلىش تۈرىنىڭ مەيدان تەلىپى (ئېگىزلىك پەرقى 900 مېتىر، كەڭلىكى 52 مېتىر)نى قاندۇرالايدۇ.
    قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بۇ يەردىكى «جىنگۇاڭ يولى» ياخشى تاللاش بولالايدۇ. بۇ قار تېيىلىش يولىنىڭ ئەڭ چوڭ چۈشۈش پەرقى 1200 مېتىر بولۇپ، تېيىلىشقا بولىدىغان ئۇزۇنلۇقى 9.5 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى