تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يۈك-تاق ھاۋالىلىك توشۇش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلدى

 يولۇچىلار ئۈندىدار ياكى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى تېرمىنالىنىڭ سىكاننېرلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئايروپىلانغا چىقىش بېلىتىدىكى كودنى سىكاننېرلاپ، «يۈك-تاقنى ھاۋالىلىك توشۇش»نى چېكىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

     شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى گۇاڭجوۋ ــ ئۈرۈمچى، گۇاڭجوۋ ــ ۋۇخەن ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ، يۈك-تاقلارنىڭ توشۇلۇش جەريانىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، ھالقىلىق تۈگۈنلەرنى كۆرسىتىش مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، باشلىنىش بېكىتىدىن قوبۇللاپ توشۇش، ئايرىپ قاچىلاش، ئۆتەڭ بېكەتتىن يۆتكەپ توشۇش، يېتىپ بارىدىغان بېكەتكە تاپشۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ پۈتۈن جەريان ئۇچۇرىنى كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، يولۇچىلار يۈك-تاقىسىنىڭ ھاۋالىلىك توشۇش ھالىتىنى خۇددى تېز يوللانما ئۇچۇرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندەك تەكشۈرەلەيدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى