كۆپىنچە كىشىلەر ئادەتتە نەرسە-كېرەكلەرنى سالىدىغان سۇلياۋ خالتىلارنى تاشلىۋەتمەي ساقلاپ قويۇپ، تەكرار ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇنداقتا، قانداق ئۇسۇلنى قوللانغاندا سۇلياۋ خالتىلارنى يىغىنچاق ھالەتتە ساقلىغىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى ئەپچىل چارە سىزنىڭ سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
ئالدى بىلەن تارتما قەغەز ساندۇقىدىن بىرنى تەييارلايمىز.
بىرىنچى باسقۇچ: ئالدى بىلەن سۇلياۋ خالتا ئىچىدىكى ھاۋانى سىقىپ چىقىرىۋېتىمىز.
ئىككىنچى باسقۇچ: سۇلياۋ خالتىنى ئىچى قۇرۇقدالغان تارتما قەغەز ساندۇقىغا سالىمىز، ئاندىن سۇلياۋ خالتىنىڭ تۇتقۇچ قىسمىنى سىرتىغا چىقىرىۋالىمز.
ئۈچىنچى باسقۇچ: يەنە بىر سۇلياۋ خالتىنىڭ ئاستى قىسمى بىلەن دەسلەپتە سېلىۋالغان سۇلياۋ خالتىنىڭ تۇتقۇچ قىسمىنى ئۇلاپ (سۈرەتتىكىدەك)، قاتلىۋالغاندىن كېيىن تارتما قەغەز ساندۇقىغا سالىمىز.
تۆتىنچى باسقۇچ: يۇقىرىقى ئۇسۇلنى داۋاملاشتۇرۇپ، سۇلياۋ خالتىلارنى تارتما قەغەز ساندۇقىغا سالىمىز.
سېلىپ بولغاندىن كېيىن، سۇلياۋ خالتىنى يېنىك تارتساقلا سۇلياۋ خالتا خۇددى تارتما قەغەزدەك بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ چىقىدۇ.